يەنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن 2025 - يىلى يېتىپ كېلىدۇ
كۆپچىلىك تەقەززا بولغان يېڭى يىللىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كەلدى
كېلەر يىلى يېڭى يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى (چارشەنبە)
بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش ۋاقتى تەڭشەلمەيدۇ!
دەرھال كېلىپ
2025 - يىلىدىكى ھەرقايسى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ
كونكرېت دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقتىدىن خەۋەردار بولۇڭ
2024 - يىلى 11 - ئايدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «مەملىكەت بويىچە يىللىق بايرام ھەم خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى»گە ئاساسەن، 2025 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، بارلىق پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان دەم ئېلىش كۈنى ئىككى كۈن كۆپەيتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە باھار بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمىنىڭ ھەرقايسىسىغا بىر كۈن قوشۇلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بىرتۇتاش دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەندىكى دەم ئېلىش ۋاقتىنى تەڭشەش پىرىنسىپىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئايرىم ئالاھىدە ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باھار بايرىمىدا دېھقانلار كالىندارى بويىچە ھارپا كۈنىدىن باشلاپ سەككىز كۈن، دۆلەت بايرىمىدا 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يەتتە كۈن، ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا بەش كۈن، يېڭى يىل، چىڭمىڭ بايرىمى، دۇەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمىدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ ( ئەگەر چارشەنبىگە توغرا كەلسە، شۇ كۈنىلا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ) دۆلەت بايرىمىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش جۇڭچيۇ بايرىمىغا توغرا كەلسە سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
يۇقىرىقى پىرىنسىپ بويىچە، 2025-يىللىق يېڭى يىل، باھار بايرىمى، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۇەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلدى:
1. يېڭى يىل: 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى (چارشەنبە) بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش ۋاقتى تەڭشەلمەيدۇ.
2. باھار بايرىمى: 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى (دېھقانلار كالىندارى بويىچە ھارپا كېچىسى، سەيشەنبە)دىن 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى (دېھقانلار كالىندارى بويىچە 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، سەيشەنبە)گىچە جەمئىي سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى (يەكشەنبە)، 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى (شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.
3. چىڭمىڭ بايرىمى: 4 - ئاينىڭ 4- كۈنى (جۈمە) دىن 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى (يەكشەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
4. ئەمگەكچىلەر بايرىمى: 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى (پەيشەنبە)دىن 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى (دۈشەنبە)گىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.
5. دۇەنۋۇ بايرىمى: 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى (شەنبە)دىن 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى (دۈشەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
6. دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى: 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى (چارشەنبە)دىن 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى (چارشەنبە)گىچە جەمئىي سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى (يەكشەنبە)، 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى (شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.