ئۇنداق ئەمەس.
قول بارماقلىرىنى قايرىغاندا «قاس» قىلىپ چىققان ئاۋاز سۆڭەك ياكى بوغۇملارنىڭ زەخمىلەنگەندىكى ئاۋازى ئەمەس، بوغۇم يۈزى ئارىسىدا، كۆمۈرچەك سېلىنچىسى بىلەن بوغۇم يۈزى ئارىسىدا، مۇسكۇل قۇرۇلۇشى بىلەن بوغۇم خالتىسى ئارىسىدا سۈركىلىش ياكى بوغۇم ئىچىدىكى ھاۋا كۆپۈكچىلىرىنىڭ يېرىلىشىدىن چىققان ئاۋازدۇر. قول بارماقلىرىدىن باشقا، ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق بوغۇملاردىن «قاس» قىلغان ئاۋاز چىقىشى مۇمكىن، مانا بۇ كىلىنىكىدا ئېيتىلىۋاتقان «بوغۇم ئوق ئاۋازى». نۆۋەتتە، قول بارماقلىرىدىن قاس چىقىرىشنىڭ بوغۇملارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىلمىي ئىسپات يوق.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، گەرچە قول بارماقلىرىدىن قاس چىقىرىش بوغۇم ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، لېكىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە بوغۇم ئەتراپىدىكى تارىمۇش يېنىك دەرىجىدە بوشاپ كېتىشى، بوغۇم ئەتراپىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلار يېنىك دەرىجىدە ياللۇغلىنىشى مۇمكىن، يەنىلا مۇۋاپىق بولغىنى ياخشى.
ئاپتور: ئىلمىي رەددىيە بېرىش يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىسى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: جى گاڭ، خېبېي تېببىي داشۆسى 1 - دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى