تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«ئورتاق يۇغۇرۇلغان سەنئەت مۇھىتى» ئۈمىد شامىنى ياندۇردى | ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كۈچلىرىنى يۈرۈشلۈك تەربىيەلەش پائالىيىتى شىنجاڭدا باشلاندى

        مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى، خەۋىرى) «كەسپىي تەربىيەلەش ئارقىلىق، ئۆزىمىزنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەمىزنى ئۆستۈردۇق، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆگەنگەن بىلىملىرىمىز ئارقىلىق مېيىپلەرگە سەمىمىي ياردەم بېرىمىز» دېدى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى مېيىپلەر پىدائىيسى مېڭ چۇنلىن. شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ «ئورتاق يۇغۇرۇلغان سەنئەت مۇھىتى» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كۈچلىرىنى يۈرۈشلۈك تەربىيەلەش پائالىيىتى شىنجاڭ مېيىپلەر ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بىۋاسىتە مۇلازىمەت خادىملىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پېشقەدەم ئەسكەرلەر پىدائىيلار ئەترىتى، مېيىپلەر پىدائىيلىرى، نازارەت قىلىش خادىملىرى بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشكە قاتناشتى.

11-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ «ئورتاق يۇغۇرۇلغان سەنئەت مۇھىتى» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كۈچلىرىنى يۈرۈشلۈك تەربىيەلەش پائالىيىتى نەق مەيدانى.

    پائالىيەتتە سىنغا ئېلىش ۋە ئىشلەش، قىسقا سىن سۇپىسى تىجارىتى، قائىدە-يوسۇن ۋە جەمئىيەت خىزمىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار، لېكتورلار نەق مەيدانغا تەكلىپ قىلىنىپ، مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەش، ئەمەلىي مەشغۇلات مانېۋىرى ۋە دېلو مىساللىرىنى تەھلىل قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلغۇچىلار ۋە پىدائىيلارغا كەسپىي بىلىم ۋە ماھارەت ئۆگىتىلدى.

     ​ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش ۋە نازارەت قىلىش پائالىيىتى ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مېيىپلەر بىلەن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان بىر قاتار ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، مۇلازىمەتچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پىدائىيلارنىڭ مۇلازىمەت ئېڭى، ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، بۇ ئارقىلىق مېيىپلەرنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان.

11-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ «ئورتاق يۇغۇرۇلغان سەنئەت مۇھىتى» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كۈچلىرىنى يۈرۈشلۈك تەربىيەلەش پائالىيىتى نەق مەيدانى.

   شىنجاڭ مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باش كاتىپ تۇ شياۋدۇڭ مۇنداق دېدى: «تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نەزەرىيە جەھەتتىن باھالاش، ئەمەلىي مەشغۇلات بويىچە باھالاش ۋە ئۇنىۋېرسال باھالاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، تەربىيەلەشكە قاتناشقان خادىملارنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق مېيىپلەر تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىدۇ».

11-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ «ئورتاق يۇغۇرۇلغان سەنئەت مۇھىتى» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كۈچلىرىنى يۈرۈشلۈك تەربىيەلەش پائالىيىتى نەق مەيدانى.

11-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ «ئورتاق يۇغۇرۇلغان سەنئەت مۇھىتى» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كۈچلىرىنى يۈرۈشلۈك تەربىيەلەش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا پېشقەدەم ئەسكەرلەر پىدائىيلار ۋەكىللىرى سۆز قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.