ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى مىدۇڭ جەنۇبىي يولى ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر يېقىن ئەتراپتىكى بىر بوش يەرنىڭ جىددىي بېزىلىۋاتقانلىقىنى، كېلەر يىلى بۇ يەردە يېڭىدىن بىر مەززىلىك تائاملار كوچىسى كۆپەيتىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلدى.
11-ئاينىڭ 26-كۈنى، مۇخبىرنىڭ مىدۇڭ رايونى كازىۋەن كوچا باشقارمىسى ئىگىلىك تىكلەش مەھەللىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ سودا كوچىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 6000 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، كېلەر يىلى يەنە 8000 كىۋادرات مېتىرغا كېڭەيتىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنى يېڭى ئىستېمال سورۇنى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
مەززىلىك تائاملار كوچىسىنىڭ ئۈنۈم سۈرىتى. بۇ كوچا رايونى مىدۇڭ جەنۇبىي يولى شەرقىي 1-كوچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، شەھەر غول يولىغا قوشنا، قاتنىشى قولايلىق، كېلەر يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى. سۈرەتنى ئىگىلىك تىكلەش مەھەللىسى تەمىنلىگەن.
بۇ كوچا رايونىنىڭ قۇرۇلۇش مەسئۇلى ۋاڭ جيەنگۇاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ تۈر مىدۇڭ جەنۇبىي يولى شەرقىي 1-كوچىسىغا جايلاشقان، شەھەر غول يولى بىلەن قوشنا، قاتنىشى قولايلىق. مەززىلىك تائاملار، ئىستىراھەت، مۇلازىمەتنى ئاساس قىلغان مەھەللە تۇرمۇش كوچىسى بەرپا قىلىش پىلانلاندى.
«بۇ يەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل، قاتنىشى قولاي، ئالىي مەكتەپ، چوڭ تىپتىكى بازار، ئاھالىلەر رايونى مەركەزلەشكەن، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى زور». شى لى سودا كوچىسىدىكى تۇنجى تۈركۈمدە كېلىشىم ئىمزالىغان سودىگەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ئاپتوموبىل يۇيۇش ئۆيى سېلىشنى پىلانلىدى. ھازىر، دۇكاننىڭ ۋىۋېسكىسى ئېسىلىپ بولدى، ئەمدى بېزەشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
«چىراغ-يورۇتۇش، بېزەكچىلىك قاتارلىق قۇرۇلۇشلار كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا تاماملىنىپ، باھار بايرىمىنىڭ ئالدى كەينىدە سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلايدۇ». ۋاڭ جيەنگۇاڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە، يەنە يايما بايرىمى، مەززىلىك تائاملار بايرىمى قاتارلىق تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى، سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت بۇ خاسلىق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، سودا كوچىسى يەنە بىر يېڭى «ۋاڭخۇڭ» كوچا رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جيا مېڭيەن خەۋىرى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى