11-ئاينىڭ 26-كۈنى، مۇخبىرنىڭ «2024-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مۇزىكا پەسلى» تەشكىلىي كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، مۇزىكا پەسلىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولغان − «مۇزىكا يېنىمىزدا» مىكرو مۇزىكا كېچىلىكى شىنجاڭ مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
شىنجاڭ مۇزېيىدا ساياھەتچىلەر ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. مۇخبىر ۋاڭ چاڭتۇڭ فوتوسى
ئىگىلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 12دە، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مۇزىكانتلىرى تىياتىرخانىدىن چىقىپ، شىنجاڭ مۇزېيىغا بېرىپ، 1-قەۋەتتىكى زالدا مىكرو مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، ئېسىل سەنئەتنى پۇقرالارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشىغا كىرگۈزۈپ، سەنئەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرىدىكەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى