مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 3-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ سەييارە داۋالاش ئەترىتى پوسكام ناھىيەلىك داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى خەلق دوختۇرخانىسى باش دوختۇرخانىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئايكۆل يېزىسىنىڭ ئايدىڭكۆل كەنتىدە «پۇقرالارنىڭ ساغلاملىقىغا مۇلازىمەت قىلىش ھەرىكىتى» بويىچە چوڭ تىپتىكى خالىس كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. خالىس كېسەل كۆرۈش نەق مەيدانىدا، تېببىي خادىملار كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنى ئەستايىدىل تىزىملاپ، ئىلگىرىكى كېسەللىك تارىخىنى تەپسىلىي سوراپ، كېسەل بولۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەھلىل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپچىلىككە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دىياگنوز قويۇش-داۋالاش مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە كۈندىلىك ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ياخشى بولغان ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى يېتىلدۈرۈشنى تەۋسىيە قىلدى.
(ئىختىيارىي مۇخبىر ئاسىمگۈل تۇرامەت)
تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دوختۇر كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن كەنت ئاھالىلىرىگە كېسەللىك ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى ھەم داۋالاش تەكلىپى بەردى.
دوختۇرلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئىنچىكىلىك بىلەن سورىماقتا.