يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بولۇپ ئىككىلىك كود ئارقىلىق توردا پۇل تاپشۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئەگەر شەخسلەر كۆپ بەھرىمەن بولىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى بولسا، ئىككىلىك كود ئارقىلىق ھەق تاپشۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشكە بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىم مۇنداق تونۇشتۇردى: كۆپ خىل سەۋەبپلەر تۈپەيلىدىن، بىر قىسىم سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلاردا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى كۆپ ئالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ھەق تاپشۇرۇش كەسپىنى بېجىرىش توغرا كەلگەندە، ئىلگىرى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئامما ھەرقايسى رايون، ناھىيەدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شۆبە مەركىزىگە بېرىپ ھەق تاپشۇرۇش ئىلتىماسىنى بېجىرىپ، ئاندىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خەلققە نەپ يەتكۈزۈش زالىغا بېرىپ ھەق تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا ھەرقايسى رايون، ناھىيەدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركەزلىرىگە قايتىپ ھەق تاپشۇرۇش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەيتتى، بۇنىڭغا نۇرغۇن ۋاقىت ۋە ئىقتىساد تەننەرخى سەرپ بولاتتى.
بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ھەق تاپشۇرغاندىن كېيىن بانكىدا راسچوت قىلىش، مالىيە كەسپىدە ھېساباتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۇچۇرى سىستېمىسىغا ھېساباتقا كىرگۈزۈش قاتارلىق كەسىپ ھالقىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇشتا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئىككىلىك كودنى چىقاردى، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار قول بارمىقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ساۋما قىلسىلا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش مەشغۇلاتىنى ئاسانلا تاماملىيالايدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى ئادەم كۈچى ئارقىلىق چىقىمنى راسچوت قىلىشتەك بېجىرىش شەكلى بۇزۇپ تاشلاندى.
قانداق ئەھۋالدا شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن كۆپ بەھرىمەن بولىدىغان ياكى تەكرار بەھرىمەن بولىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىم مۇنداق تونۇشتۇردى: «مەسىلەن، ئىشسىزلار خىزمەت تاپقاندىن كېيىن، سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش شەكلى ئۆزگىرىپ، شۇ ئايدا خىزمەت ئورنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى خىزمەت ئورنىنىڭ شۇ ئايدا سۇغۇرتا ھەققىنى داۋاملاشتۇرۇپ تاپشۇرۇشىنى ئويلاشقان بولسا، ئالدى بىلەن تاپشۇرۇپ ئالغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى قايتۇرۇشى كېرەك، مانا بۇ تەمىناتنى كۆپ ئېلىش ئەھۋالىغا تەۋە بولىدۇ.» بۇ خىزمەتچى خادىم مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئىشسىزلار پېنسىيە يېشىغا توشقاندىن كېيىنمۇ، يەنە ئالدى بىلەن تاپشۇرۇپ ئالغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى قايتۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى داۋاملىق ئالالايدۇ».
«ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش نىزامى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن كۆپ بەھرىمەن بولغان بولسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتىن بىر قېتىمدا قايتۇرۇش كېرەك. بىر قېتىمدا قايتۇرالمىسا، پۇل قايتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرۇشقا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە كېيىن بەھرىمەن بولىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن ياكى شەخسىي ھېسابات قالدۇقىدىن توغرىلاپ تۇتۇۋېلىشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ.
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىىنى تاپشۇرۇشتا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئىككىلىك كود سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش كەسپىنى بېجىرىش جەريانىدىكى كۆپ قاتراش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ساۋما قىلىپ ھەق تاپشۇرۇش مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن راسچوت قىلىش كەسپىنى دەرھال تاماملاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.
نۆۋەتتە، 35 تۈرلۈك كەسىپنى ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت (智慧人社) APPسىدا بېجىرىشكە، 70تىن ئارتۇق كەسىپنى تور زالىدا بېجىرىشكە، 22 تۈرلۈك كەسىپنى «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش»كە، 15 تۈرلۈك كەسىپنى «شىنجاڭ ئىچىدە بىرتۇتاش بېجىرىش»كە بولىدىغان بولۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمىتى تۈرلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى مەركىزىگە تولۇق مىقداردا كىرگۈزۈلۈپ، «بىر پونكىت شەكلى»دىكى مۇلازىمەت ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇشتا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئىككىلىك كود
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى