

بىرىنچىسى قاراش: مەھسۇلات بەلگە ئۇچۇرىنىڭ تولۇق ياكى تولۇق ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك. بەلگىگە ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت نامى، مامۇق تۈرى، تىۋىت مىقدارى، تولدۇرما تىۋىت مىقدارى، رەخت سۈپىتى، مەھسۇلات ئۆلچىمى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئېنىق يېزىلغان بولۇشى كېرەك.
ئىككىنچىسى بېسىش: مامۇق كىيىملەرنى يېيىتىپ، تەبىئىي ھالدا ئۈچ مىنۇت ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاندىن قول بىلەن بېسىپ، دەرھال قولنى قويۇۋېتىپ، ناھايىتى تېزلا ئەسلىي ھالىتىگە قايتقان-قايتمىغانلىقىغا قاراش كېرەك، ئەگەر ئەسلىگە قايتمىسا ياكى بەك ئاستا قايتسا، تولدۇرما ماتېرىيالنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئەگەر پەقەتلا ئېلاستىكىلىقى بولمىسا، تولدۇرۇلغان تىۋىت ماتېرىيال مامۇق بولماسلىقى مۇمكىن.
ئۈچىنچىسى تۇتۇش: قولىڭىز بىلەن سىلاپ، مىجىپ يۇمشاقلىق دەرىجىسىنى سىناڭ، زىيادە چوڭ، زىيادە توم بولغان ئۇزۇن تۈكچىلەر، پەي ئوقى تاياقچىسى قاتارلىقلار بارمۇ-يوق؟ مەسىلەن، قول سېزىمى يۇمشاق بولسا، شۇنداقلا مۇكەممەل تۈكچىلەر بولسا، ھەقىقىي مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر زىيادە چوڭ، زىيادە توم ئۇزۇن تۈك ياپراقچىسى بولسا، قولغا يۇمشاق ئۇرۇلسىمۇ ئەمما ئېلاستىكىلىقى ناچار بولسا، بۇمۇ مامۇق ئەمەس، بەلكى يۇمشىتىلغان يۇڭ ياپراقچىسى. مەسىلەن، قولغا يۇمشاق ئۇرۇلسىمۇ، ئەمما قىسقا، ئۇششاق، توم، قاتتىق پەي ئوقى بار ئۇششاق تۈكچىلەر بولسا، بۇنداق مامۇق بۇيۇملارنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى بولمايدۇ.
تۆتىنچىسى ئۇرۇش: مامۇق چاپاننى كۈچەپ ئۇرۇپ، چاڭ-توزانلارنىڭ ئۇچۇپ چىققان-چىقمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر چاڭ-توزان ئۇچۇپ چىقمىسا ياخشى مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر چاڭ-توزان ئۇچۇپ چىقسا ئۇششاق يۇڭ قاتارلىق ساختا، ناچار تولدۇرما ماتېرىياللار بولغان بولىدۇ.
بەشىنچىسى ئۇۋۇلاش: ئىككى قول بىلەن مامۇق چاپاننى ئۇۋۇلاپ، تىۋىتلەرنىڭ تېشىپ چىققان-چىقمىغانلىقىغا قاراڭ. ئەگەر تىۋىت تېشىپ چىقسا، رەختنىڭ تىۋىت تېشىپ چىقىشقا چىداملىق ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئالتىنچىسى پۇراش: بۇرنىڭىزنى مامۇق چاپانغا يېقىن ئەكىلىپ نەچچە قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ، ئاندىن ئادەتتىكى رەختلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، غەيرىي پۇراق ياكى سېسىق پۇراقنىڭ بار-يوقلۇقىنى ھېس قىلىڭ.
يەتتىنچىسى دەڭسەش: قول بىلەن مامۇق كىيىمنىڭ ئېغىرلىقىنى دەڭسەپ بېقىش بىلەن بىللە، ھەجىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراش كېرەك، ئېغىرلىقى قانچە يېنىك، ھەجىمى قانچە چوڭ بولسا ئەڭ ئېسىل مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. تىۋىت تەركىبى %70تىن يۇقىرى بولغان مامۇق چاپاننىڭ ھەجىمى ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى پاختىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولىدۇ.
سەككىزىنچىسى سىناش: مامۇق چاپان سېتىۋالغاندا چوقۇم كىيىپ سىناپ بېقىش، كۆكرەك ئايلانمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك، چىڭمۇ ئەمەس، چوڭمۇ ئەمەستەك ھېس قىلغاندىلا، ئاندىن بەدەنگە دەل كەلگەن بولىدۇ، مۇشۇنداق مامۇق چاپاننى كىيگەندە ئەڭ ياخشى ئىسسىقلىق ساقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
«شىنخۇا تورى »دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى