مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، پۈتۈن شىنجاڭ جەمئىي 56 مىليارد 524 مىليون كۇب مېتىر سۇ بىلەن تەمىنلەنگەن، سۇ ئامبارلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئومۇمىي سۇ مىقدارى 17 مىليارد 406 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، 2021 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 7 مىليارد 210 مىليون كۇب مېتىر كۆپ ساقلانغان، بۇ، تىيانشان بوغدا كۆلى سۇ مىقدارىنىڭ 45 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.
بۇ يىل شىنجاڭدا سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتا كۆپ تەمىنلەش، كۆپ سۇغىرىش، كۆپ ساقلاش، كۆپ تولۇقلاش، ئاز قېزىشتىن ئىبارەت «تۆت كۆپ، بىر ئاز بولۇش» نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تېخىمۇ سىستېمىلاشتى، ئىلمىيلەشتى، ئىنچىكىلەشتى. سۇ بىلەن تەمىنلەش ئومۇمىي مىقدارىدا، يېزا ئىگىلىكىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 51 مىليارد 781 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، جەمئىي سۇغىرىلغان كۆلەم 737 مىليون مو قېتىمغا يەتتى. 2021 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، 2024 - يىلى شىنجاڭدا سۇغىرىشقا 6 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر سۇ كۆپ تەمىنلەندى، ئېكولوگىيەگە 4 مىليارد 580 مىليون كۇب مېتىر سۇ كۆپ تولۇقلاندى، يەر ئاستى سۈيى 2 مىليارد 400 مىليون كۇب مېتىر ئاز قېزىلدى، سۇ تىرىكى، سۇ كاپالىتى تېخىمۇ پۇختىلاندى.