تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا قار ئۇچقۇندىدى | قىش پەسلىدە سىزنى چاقىردۇق: مەنزىرىسى گۈزەل، قار ياخشى، تېز كېلىڭ!

    مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى  

قۇمقاناس ئاپئاق قارغا پۈركەندى، بۇ يەردە تۇرسىڭىز قار-مۇز چۆچەك دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز. Doubleliker@

يېقىنقى بىر مەزگىلدە 

شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك قار ياغدى 

بولۇپمۇ ئالتاي ۋىلايىتىدە 

بىر نەچچە قېتىم قار يېغىپ، بۇ يەر

«قار-مۇز ئەندىزىسى»گە كىردى

قار پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ 

ھەر قايسى جايلارنىڭ قىشلىق مەنزىرىسىمۇ يېڭى تۈسكە كىرىشكە باشلىدى 

بۇ دەل شىنجاڭغا كېلىپ 

بۇ مەنزىرىلەرنى كۆرىدىغان پەيت~ 

[مەنزىرە سەھىپىسى]

ئاق رەڭلىك رومانتىك مەنزىرە ئىچىدە مەستخۇش بولۇش

شەپەق نۇرىدىكى قاردا ئىلەڭگۈچ ئۇچسىڭىز، بۇ دەقىقىدىكى جىمجىتلىق پەقەت سىزگىلا مەنسۇپ بولىدۇ. swing_窝@

شىنجاڭنىڭ قىش پەسلى 

تەبىئەت ياخشى كۆرىدىغان خەزىنە ماكانى بولۇپ 

كۈمۈش لىباس ئاستىدا 

ئۆزگىچە يېقىملىق ۋە رومانتىك كۆرۈنىدۇ 

يىراقتىكى قارلىق چوققىدىن كۆرۈنگەن كەچكى شەپەق نۇرىدا 

قارلىق دالىدا ئاستا ئىلەڭگۈچ ئۇچقان

بۇ دەقىقە

سىزگىلا خاس جىمجىتلىق ۋە راھەتلىكتۇر 

قاردا ئىز بولمىسا كەڭ دالىغا قاراپ ماڭسىڭىز بولىدۇ، شامال بىلەن سىز ئەركىن. swing_窝@

سەھەردە تاڭ قۇياشىغا قاراپ 

ئاپئاق قار ئۈستىدە ئاياغ ئىزىلىرىنى قالدۇرۇپ 

بىر خىلۋەت جاينى تاللاپ 

قاردا ئوڭدىسىغا يېتىپ، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ چوڭقۇر خىياللارغا چۆمۈپ، 

بارلىق غەم-ئەندىشىلەرنى ئەستىن چىقىرىۋېتىڭ 

كىچىك ياغاچ ئۆيدە تۇرۇپ سىرتقا قارىسىڭىز، دېرىزە سىرتى بىر مەنزىرە. @swing_窝

ياكى دېرىزە ئالدىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ 

كىچىك ياغاچ ئۆي سىرتىدىكى جىمجىتلىق ۋە ئېرەنسىزلىكنى ھېس قىلىڭ  

قۇمقاناسقا كېلىپ، غەم-قايغۇنى ئۇنتۇش. @小蔡·新疆小众旅拍领队

سىزنىڭمۇ چۈشىڭىزدىكىدەك قىشتىكى بۇ كەيپىياتتىن ھۇزۇرلىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن 

سىز كەلدىڭىزمۇ؟ 

قاناس، گۈەنيۈتەي سۇپىسىدا قىش پەسلىدىكى جىمجىتلىق ئىچىدە سۈرەتتەك گۈزەل قارلىق دالا نامايان بولىدۇ. @寻野定制旅行

[گۈزەل سۈرەت سەھىپىسى] 

چۆچەكلەر دۇنياسىنى ساقلىۋېلىڭ 

بىر نەچچە قېتىملىق قاردىن كېيىن 

قار مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ 

قارنى تاماشا قىلىدىغان ياخشى پەيت يېتىپ كەلدى 

شىنجاڭنىڭ قارلىرىغا «پەردازلاش» ئاپپاراتى ئىشلىتىش ھاجەتسىز 

ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدىكى نۇرغۇن داكا سۈرەتلىرى

نۇرغۇن «قار ھەۋەسكارلىرى»نى كېلىپ زىيارەت قىلىشقا جەلپ قىلدى  

قاناس، كۆل بويىدا ئارام ئېلىش. @克劳德的旅行

بۇ يىل قىشتا 

چوقۇم شىنجاڭغا كېلىڭ 

تۆت-بەش دوستىڭىز بىلەن دېيىشىپ 

بىر مەيدان ئاجايىپ قار-مۇز سەپىرىنى باشلاڭ 

دوستلار بىلەن بىللە بولغان ئالتاي تېخىمۇ خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. @Y. 

بۇ يەرنىڭ قىش پەسلى 

جىمجىت 

ساپ 

سوغۇق 

ھەم قۇياش نۇرىغا چۆمگەن

كۆكتوقاي گېئولوگىيە باغچىسى، گۈزەللىكنى ساقلىۋېلىش. @Nat魔法师

تاراس، تاراس-تۇرۇس قىلىپ 

ساقلانغىنى گۈزەللىك بولۇپلا قالماي 

بەلكى يەنە 

بىر ئىللىق ھېكايە 

بىر ئۇنتۇلماس ئەسلىمە بولۇشى مۇمكىن

قۇمقاناسنىڭ كۆك رەڭلىك كېچىسى. @马特X

سىز كېلەمسىز ياكى كەلمەمسىز 

​«قارغا يوشۇرۇنغان» گۈزەللىك 

ئىزچىل بار

بۇ يەردە:

ئاپئاق 

كۆك رەڭلىك كېچە 

ھالرەڭ كەچكى شەپەق بار

...... 

يەنە شىنجاڭلىقلارنىڭ 

ئوتتەك قىزغىنلىقى بار 

ئالتاي، ئاق رەڭلىك رومانتىكىلىققا چۆمۈش. @碳酸饮料拜拜

قار بىلەن ئۆتكەن كۈنلەردە

سىزنىڭ قارلىق دالىدا ئۆز مەيلىڭىز بىلەن 

ئەركىن چاپقان قىياپىتىڭىزنى ئەڭ ياقتۇرىمەن 

سىزنىڭ شەپەق نۇرىدا چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن كۈلگەن 

بەخت ھىدى يوشۇرۇنغان ھالىتىڭىزنى بەك ياقتۇرىمەن 

ئاققابا، بۇ كىچىك تاغلىق كەنت جىمجىت ھەم گۈزەل.@陈一木

[قار تېيىلىش سەھىپىسى] 

قىزغىن مۇھەببەت يالقۇنلىغان پەيتتە پورەكلەپ ئېچىلىش

قارلار ئۇچقۇنداپ

قار ھەۋەسكارلىرىنى چاقىرماقتا

ئالتايدا قار تېيىلىپ كەچكى شەپەقنى تاماشا قىلىش بەك رومانتىك! @笑西西Stacy

قار تېيىلىش تاختىسىنىڭ پېچىتىنى ئېچىپ

شىنجاڭدىكى قار تېيىلىش مەيدانىدا 

قايناق ھېسسىياتنى نامايان قىلىپ 

كەچكى شەپەقنى قوغلىشىپ 

ئىنتايىن گۈزەل شەپەق نۇرى ئاستىدا ئۇچرىشىمىز. 

قار تېيىلىشنىڭ خۇشاللىقىنى ئۆزىمىزلا بىلىمىز. @爱滑雪的cc

شەمشادلار ئارىسىدا 

يۇقىرىدىن تۆۋەنگە

ئەركىن تېيىلىپ 

ئوخشىمىغان قىياپەتتە تاغ ئورمانلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ 

مەڭزىنى سىيپاپ ئۆتكەن مۇزدەك قار ئۇچقۇنلىرىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ 

كۆكتوقايدىكى خەلقئارا قار تېيىلىش ئارامگاھى، ھەر بىر قېتىملىق تېيىلىش خۇددى بۇلۇت ئاستىدە پەرۋاز قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. @谨初 

بۇ يەر توزغاق قار ماكانى 

ئورنى شىنجاڭدا 

يېتەرلىك غەيرىتىڭىز بولسىلا  

قار-مۇز جابدۇقلىرىنى تاقاپ، تېيىلىش تاختىسىغا چىقسىڭىز 

ئاسمان-زېمىن بىلەن بىللە ئۇسسۇلغا چۈشەلەيسىز 

يېڭى ئۆگەنگۈچى «مەلىكىنى قۇچاقلاپ» چۆرگىلەشنى ھېس قىلدى. @寻野定制旅行

ھەر بىر قار پەسلى 

بىر چوڭقۇر مۇھەببەت ئىزھارى

قار ئۇچقۇنلىرى چۈشكەندە 

سىز كىمنى ئەسلىدىڭىز

جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئارامگاھى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى «قار تام» ئويۇنى كۆرسەتتى. @小美是个野孩纸

قىشنىڭ قىشقا خاس مەنىسى بار 

قارنىڭ قارغا خاس مەخپىيىتى بار 

قار-مۇزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتى 

بىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈشىمىزدە 

ئەمدى كىيىمنى قېلىنراق كىيىپ 

بەختكە چۆمەيلى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.