تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئاشلىق تېجەش ۋە يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئاشلىق تېجەش ۋە يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

لايىھەدە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ئومۇمىي نىشان: ھوسۇلنى ئاشۇرۇشتا جەزمەن تېجەشلىك بولۇش، تېجەشلىك بولۇش دەل ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، دېگەن ئاڭنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش، بوشاشماي دائىم تۇتۇش، چىڭ قادىلىپ قويۇۋەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ۋە يېمەكلىكنىڭ خورىشى، ئىسراپ بولۇشىنى ھەقىقىي ئازايتىش كېرەك. 2027 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاشلىق ۋە يېمەكلىك تېجەش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاشلىقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ۋە يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىنى ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمى، ئۆلچەم، قائىدە ۋە كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، توشۇش، پىششىقلاشتىكى زىيانغا ئۇچراش نىسبىتىنى خەلقئارا ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن تۆۋەن نىسبەتتە كونترول قىلىپ، يېمەك - ئىچمەك ساھەسى، ئورگان ئاشخانىسى، مەكتەپ ئاشخانىسى، كارخانا ئاشخانىسى قاتارلىقلاردا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ھەربىر ۋاق تاماقتا يېمەكلىكنىڭ ئىسراپ بولۇش مىقدارىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش كېرەك. سىجىل تىرىشىش ۋە ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش ئارقىلىق، ئاشلىق تېجەش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

لايىھەدە تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى: بىرىنچى، ئاشلىقنى تېجەش، زىياننى ئازايتىش ھەرىكىتى، بۇنىڭدا ئاشلىقنى ماشىنىدا يىغىپ زىياننى ئازايتىشنى كۈچەيتىش، ئاشلىق ساقلاشتا زىيان ۋە خوراشنى ئازايتىش، ئاشلىق توشۇشتا زىياننى ئازايتىشنى كۈچەيتىش، ئاشلىق پىششىقلاشتا زىياننى ئازايتىش تەلەپ قىلىندى. ئىككىنچى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاشلىق تېجەش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، بۇنىڭدا ئائىلە ۋە شەخسلەرنىڭ يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىنى ئازايتىش، يېتەكلەش - قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ياش - ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەربىيە ۋە ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇش ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى. ئۈچىنچى، يېمەك - ئىچمەك ساھەسىدە ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى، بۇنىڭدا «تاماق ئاشۇرماسلىق ھەرىكىتى»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاشنى كۈچەيتىپ، ساھەلەردە تەلەپچان بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى. تۆتىنچى، ئىدارە ئاشخانىلىرىدا ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى، بۇنىڭدا ئورگان ئاشخانىلىرىدا ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش، مەكتەپ ئاشخانىلىرىدا ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش، كارخانا ئاشخانىلىرىدا ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش تەلەپ قىلىندى. بەشىنچى، زىيان ۋە ئىسراپچىلىقنى ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، بۇنىڭدا ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساھە بويىچە مەخسۇس ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش تەلەپ قىلىندى. ئالتىنچى، كاپالەت تەدبىرى، بۇنىڭدا تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.