كۈزنىڭ ئاخىرى، قىشنىڭ باشلىرىدا، جۈزى تۈرىدىكى مېۋىلەر ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنىپ، كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتە ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان مېۋىسىگە ئايلاندى. پۇتاۋيوۋنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېۋىسى يۇمشاق، شىرنىلىك بولۇپ، تەمى ناھايىتى ياخشى. شەربىتىنى سىقىپ ئىچكەندىن باشقا، پۇتاۋيوۋ يەنە تەم تەڭشىگۈچ سۈپىتىدە تاتلىق-تۈرۈملەر، قاقلاپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر ۋە ھاراقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ھالبۇكى، دورىنى ئۇزاق مۇددەت توختاتماي ئىچىدىغان نۇرغۇن ئاغرىقلار پۇتاۋيوۋ قاتارلىق جۈزى تۈرىدىكى مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ، بۇ، پۇتاۋيوۋ شەربىتىنىڭ دورىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە بەدەندە ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئىچىلىدىغان دورىلار ئاساسلىقى ئاشقازان-ئۈچەي يولىدا سۈمۈرۈلىدۇ، دورىلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبلىرى ئۈچەي يولىدىكى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئاندىن جىگەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشى ئارقىلىق ئۆزگىرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دورىنى ئايلاندۇرۇشقا مەسئۇل ئاساسلىق ئېنزىم سىستېمىسى P450 ئېنزىم دەپ ئاتىلىدۇ. P450 ئېنزىم كۆپ خىل مېتابولىزم ئېنزىمىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، نۇرغۇن دورىلارنىڭ بەدەندە ئايلىنىشى ۋە پاسسىپلىشىشىغا مەسئۇل بولىدۇ، بۇ، دورىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، بەدەندە يىغىلىپ قېلىشنى ئازايتىدۇ.
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پۇتاۋيوۋ شەربىتى قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورا فېلودىپىڭ قاتارلىق دورىلارنىڭ بىيولوگىيەلىك پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن، ھەتتا ئېغىر ناچار تەسىر پەيدا قىلىدىكەن، بۇ تەسىرلەر پۇتاۋيوۋ شەربىتى تەسىرى ياكى شىيوۋ شەربىتى تەسىرى دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ خىل تەسىرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، پۇتاۋيوۋ شەربىتىنىڭ دورىلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي يولىدىكى قوبۇل قىلىنىش ئۈنۈمى ۋە جىگەردىكى مېتابولىزم ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن ئىكەن. ئوخشاش بولمىغان دورىلارغا نىسبەتەن، پۇتاۋيوۋ شەربىتىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش جەريانى ئوخشاش بولمايدۇ، كەلتۈرۈپ چىقارغان نەتىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارغا بولغان تەسىرى
دىپىڭ تۈرىدىكىلەر نۆۋەتتە بازاردا كۆپ ئۇچرايدىغان قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار بولۇپ، فېلودىپىڭ، نىمودىپىڭ، شياۋبېندىپىڭ، ئەنلۈدىپىڭ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پۇتاۋيوۋ شەربىتى فېلودىپىڭ، نېمودىپىڭ ۋە شياۋبېندىپىڭنىڭ جىگەر ئارقىلىق ماددا ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك تورمۇزلاپ، بۇ ئارقىلىق فېلودىپىڭ، نېمودىپىڭ ۋە شياۋبېندىپىڭنىڭ بەدەندىكى تەسىر كۆرسىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى كۈچەيتىپ، ئاسانلا تۆۋەن قان بېسىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ئاغرىقنىڭ يىقىلىپ چۈشۈش، ئايلىنىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
شۇڭا، يۇقىرىقى ئۈچ خىل قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغان يۇقىرى قان بېسىمى بارلار پۇتاۋيوۋ ۋە پۇتاۋيوۋ مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
ئەنلۈدىپىڭ ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەر پۇتاۋيوۋ شەربىتىنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچرايدۇ، لېكىن پۇتاۋيوۋ ۋە پۇتاۋيوۋدىن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
ماي تەڭشىگۈچى دورىلارغا بولغان تەسىرى
ماي تەڭشىگۈچى دورىلار ئاساسلىقى تاتىڭ تۈرىدىكى دورىلار بولۇپ، ئاتوفاتاتىڭ، رۇيشۇفاتاتىڭ، شىنفاتاتىڭ، لوفاتاتىڭ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەگەر تاتىڭ تۈرىدىكى دورىلارنىڭ بەدەندىكى قويۇقلۇقى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، مۇسكۇل، بوغۇم ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان توغرا يوللۇق مۇسكۇل ئېرىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاتىڭ تۈرىدىكى دورىلار جىگەرگە كىرىپ مېتابولىزم رولى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىشقا موھتاج بولىدۇ، ھالبۇكى، پۇتاۋيوۋ شەربىتى جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى قىسمەن دورىلارنىڭ ئاقسىلنى يۆتكەپ توشۇشىنى تورمۇزلاپ، تاتىڭ تۈرىدىكى دورىلارنىڭ جىگەر ھۈجەيرىلىرىگە كىرىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ سىرتى، يەنى قان ئايلىنىش سىستېمىسىدىكى دورىلارنىڭ قويۇقلۇقى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىپ، مۇسكۇل، بوغۇم ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تىنچلاندۇرۇش ۋە ئۇخلىتىش دورىلىرىغا بولغان تەسىرى
بىر قىسىم ياشانغانلار ۋە خىزمەت بېسىمى بىرقەدەر ئېغىر بولغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلاردا دائىم ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بەزىدە تىنچلاندۇرۇش، ئۇخلىتىش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىدۇ. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۇتاۋيوۋ ۋە پۇتاۋيوۋ مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلغاندا، تىنچلاندۇرۇش، ئۇخلىتىش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.
پۇتاۋيوۋ شەربىتىنىڭ تىنچلاندۇرۇش، ئۇخلىتىش دورىلىرىغا بولغان تەسىرى يۇقىرىقى ئىككى خىل ئەھۋال بىلەن ئوخشاش، ئۇ تىنچلاندۇرۇش، ئۇخلىتىش دورىلىرىنىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇپ، ۋاسىتىلىك ھالدا تىنچلاندۇرۇش، ئۇخلىتىش رولىنى كۈچەيتىپ، مۈگدەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ئىككىنچى كۈنى يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا مەشغۇلات قىلىدىغان ۋە ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغان كىشىلەر توپى پۇتاۋيوۋ شەربىتى بىلەن تىنچلاندۇرۇش، ئۇخلىتىش دورىلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىچىشتىن تېخىمۇ ساقلىنىپ، مەشغۇلات سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن ھادىسە كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى