تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن لىمون، بولو قانداق بولىدۇ؟ كورلىغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىڭ

 

  11-ئاينىڭ 20-كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر يېزىسى زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدا، تۈپ-تۈپ لىمونلار تەشتەكلەرگە رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ھەر بىر تۈپ شاختا يوغان، تولغان لىمونلار ساڭگىلاپ تۇراتتى. يېڭىشەھەر يېزىسى زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر رايونىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 950 مو بولۇپ، ئەينەك پارنىكتىن توققۇزى، ئادەتتىكى پارنىكتىن 100 نەچچىسى ۋە يېزا-كەنت ئائىلىۋى مېھمانخانىسى، گۈل دېڭىزى قاتارلىقلارنى قۇرۇش پىلانلاندى. باغچە رايونى پارنىكنىڭ ئىچى-سىرتى ۋە تۇپراققا سېنزور ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ، يان تېلېفون ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش ۋە تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش قاتارلىق تېخنىكىلارنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا قوللىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېرىقچىلىقنى ئىشقا ئاشۇردى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئايزۆھرە ئايۇپ، ما لىجۈەن، پاتىگۈل مەمەت)

  تېرىقچىلىق ئائىلىسى ليۇ يى لىموننىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

  تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن بولو مېۋە بەردى. پارنىكتا يەنە شاڭجاۋ، چىلىن قوغۇنى، لەنمېي، ساۋمېي قاتارلىق كۆپ خىل ئالاھىدە مېۋىلەر ئۆستۈرۈلدى.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.