11-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چۆچەك شەھىرىدە بۇ يىل قىشتىكى تۇنجى قار ياغدى. جىمجىت ھەم راھەت شەھەر بىر كېچىدىلا ئاق رەڭلىك دۇنياغا ئايلاندى. شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان دەريا جىمجىت ئېقىپ تۇراتتى، ئۇلاستاي دەرياسى بويىدىكى ئوت-چۆپلەر قىروۋ بىلەن قاپلانغانىدى؛ دەريا يۈزىدە ئاق قوتانلار نەپىس ۋە مەغرۇر بولۇپ، ياۋا ئۆردەكلەر توپ-توپ بولۇپ ئوينىماقتا ئىدى. بۇ يەردە قىرغاقنى سەيلە قىلىپ، چۆچەكنىڭ قىش پەسلىدىكى رومانتىكلىقىدىن ھۇزۇرلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان گۈزەللىكنى تاسادىپىي ئۇچرىتىپ قالىسىز.
( ئاپتور: چېن ۋېن، ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: تارباغاتاي ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)