تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭ مىللىي ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئەڭ جەلپكار مىللەت ئۇسلۇبىنى نامايان قىلدى

 تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى، خەۋىرى) 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مىللىي ساغلاملىق گىمناستىكىسى تۈرى ھەرىكەتنى ئۆزى تاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مىللىي ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئۆزگىچە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ، مۇزىكىغا ئەگىشىپ يېنىك ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مىللىي ساغلاملىق گىمناستىكىسى كوماندىسىنىڭ تېرېنېرى جەي ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ، شىنجاڭ مىللىي ساغلاملىق گىمناستىكىسى كوماندىسىنىڭ بۇنداق چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى بولۇپ، كوماندا ئەزالىرى مەيداندا پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىپ، مىللەتلەرگە خاس ئالتە خىل ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. «كېيىنكى قەدەمدە، بىز ھەرىكەت سالمىقى ۋە سەپ شەكلىنىڭ رەتلىك بولۇشىغا قارىتا يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشقا تىرىشىمىز» دېدى جەي ۋېي.

11-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ مىللىي ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى مەيدانغا كىرمەكتە.

11-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ مىللىي ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى مۇسابىقىدە.

11-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ مىللىي ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى مۇسابىقىلەشمەكتە.

11-ئاينىڭ 25-كۈنى، تاماشىبىنلار تەنھەرىكەتچىلەرگە مەدەت بەرمەكتە.

11-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ مىللىي ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى مۇسابىقىلەشمەكتە.


11-ئاينىڭ 25-كۈنى، تاماشىبىن مىللىي ساغلاملىق گىمناستىكىسى مۇسابىقىسىنى سۈرەتكە تارتماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.