بۇ ئىككى كۈندە قېلىن قار يېغىپ سانجى ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى قار تېيىلىش مەيدانلىرى تىجارەت باشلايدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت كۆزنىكىنى كۈتۈۋالدى، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن باشلىنىپ، قار-مۇز ساياھەت پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشى كۈتۈۋېلىندى.
فۇكاڭ شەھىرى تىيانشان بوغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى 5S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانى بولۇپ، ھازىر دەسلەپكى، ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك يەتتە قار يولى بار، 2023—2024-يىللىق قىش پەسلىدە جەمئىي 120 مىڭ ئادەم\قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، قار تېيىلىش مەيدانىدا ھازىر سۈنئىي قار ياساش مەشغۇلاتى باشلاندى، 12-ئاينىڭ بېشىدا تىجارەت باشلاش پىلانلاندى.

2023-يىلى قىش پەسلىدە، ساياھەتچىلەر تىيانشان بوغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلماقتا (ماتېرىيال سۈرەت).
مۇخبىر شۈ لې فوتوسى
بۇ قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ ياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قار تېيىلىش مەيدانى 9-ئايدىن باشلاپ تىجارەتكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، ھازىر خادىملارنى تەربىيەلەش، قار تېيىلىش تاختىسىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، ئاسما يول سىستېمىسى ۋە ئاسما ۋاگوننى ئومۇميۈزلۈك ئاسراش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تاماملاپ بولدۇق. تېمپېراتۇرا شەرتكە يەتكەندىن كېيىن، بىز بىرىنچى ۋاقىتتا تىجارەت باشلاپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالىمىز. بۇ يىل بىز ئاسما ۋاگون سەيلە-ساياھەت تۈرىنى كۆپەيتتۇق، بېلەت بىلەن ئاسما ۋاگونغا ئولتۇرۇپ 1.8 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قار يولىدا مەنزىرە تاماشا قىلغىلى بولىدۇ. قار تېيىلىش مەيدانى ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن يەنە يېڭىدىن بەش گۇرۇپپا زال سىرتى يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكلىغۇچ تەسىس قىلدى، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى، ۋۇجياڭ ئارشاڭ شەھىرى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدۇ».
2024—2025-يىللىق قار-مۇز پەسلىدە، ساياھەتچىلەر تىيانشان بوغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا قارلىق دالىدىكى خوگو، يۈك ساندۇقى قەھۋەسى، ئۈزۈم ھارىقىنى تېتىپ باھالاش، ناخشا-ئۇسسۇل، ئويۇن قويۇش، ساياھەت، سۈرەتكە چۈشۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، يەنە قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قار-مۇز پەسلى باشلىنىش بايرىمى، قىشلىق كۈن-تۈن توختاش مەۋسۇمىدىكى مەززىلىك تائاملار بايرىمى، قار-مۇز ئۆرپ-ئادەت پەسلى، يېڭى يىل كېچىسى مۇزىكا كېچىلىكى ۋە تۈرلۈك قار تېيىلىش مۇسابىقە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشالايدۇ.
نۇرجا خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى 4S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانى بولۇپ، سانجى شەھىرىنىڭ مياۋئېرگوۋ يېزىسىغا جايلاشقان، نۆۋەتتە قار سايمانلىرىنى ئاسراش، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش خىزمىتى تاماملاندى، ھازىر سۈنئىي قار ياساش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، 12-ئاينىڭ بېشىدا تىجارەت باشلاپ مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش مۆلچەرلەنمەكتە.

2023-يىلى قىش پەسلىدە، نۇرجا قار تېيىلىش مەيدانىدا قار ياساش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلماقتا.
سۈرەتنى نۇرجا قار تېيىلىش مەيدانى تەمىنلىگەن
بۇ يىل، نۇرجا قار تېيىلىش مەيدانىغا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆت كىشىلىك سەيلى-ساياھەت ئاسما ۋاگونى، سېھىرلىك گىلەم قاتارلىق ئەسلىھەلەر سەپلىنىپلا قالماي، يەنە 1200 مېتىر كېلىدىغان ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك قار يولى (ئەسىر يولى) كۆپەيتىلدى، قار تېيىلىش سايمانلىرى زالىنىڭ 3-قەۋىتىگە يېڭىدىن ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش رايونى كۆپەيتىلدى. شۇ چاغدا، قار تېيىلىش مەيدانىدا جەمئىي ئالتە قار تېيىلىش يولى تەسىس قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى دەسلەپكى قار تېيىلىش يولى، ئۈچ ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك يول، بىر يۇقىرى دەرىجىلىك يول؛ يەنە قار چەمبىرىكى، قارلىق تانكا، قارلىق موتسىكلىت، قار يولى دالا ئاپتوموبىلى، بالىلار قار تېيىلىش رايونى قاتارلىق كۆپ خىل قار-مۇز تەنھەرىكىتى تۈرى بار.

2023-يىلى قىشتا، ساياھەتچىلەر نۇرجا قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلماقتا.
سۈرەتنى نۇرجا قار تېيىلىش مەيدانى تەمىنلىگەن
بۇنىڭدىن باشقا، گۇچۇڭ ناھىيەسى نەنخۇ شادلىق جىلغىسى قار تېيىلىش مەيدانى، يۈپەن قار جىلغىسى قار تېيىلىش مەيدانى، جىمىسار ناھىيەسى يىپەك يولى بېيتىڭ قار تېيىلىش مەيدانى ۋە مورى ناھىيەسى مورى دەرياسى قار تېيىلىش مەيدانى قاتارلىق قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتتى، 12-ئاينىڭ باشلىرى ۋە ئوتتۇرىلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن تىجارەت باشلاش مۆلچەرلەنمەكتە.
مۇخبىر شۈ لې، ئىختىيارىي مۇخبىر لى جياجۈن خەۋىرى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى