ئۈچ يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا سۇ ئامبارلىرىدا كۆپ ساقلانغان سۇ تىيانشان بوغدا كۆلى سۇ مىقدارىنىڭ 45 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، پۈتۈن شىنجاڭ جەمئىي 56 مىليارد 524 مىليون كۇب مېتىر سۇ بىلەن تەمىنلەنگەن، سۇ ئامبارلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئومۇمىي سۇ مىقدارى 17 مىليارد 406 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، 2021 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 7 مىليارد 210 مىليون كۇب مېتىر كۆپ ساقلانغان، بۇ، تىيانشان بوغدا كۆلى سۇ مىقدارىنىڭ 45 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.
بۇ يىل شىنجاڭدا سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتا كۆپ تەمىنلەش، كۆپ سۇغىرىش، كۆپ ساقلاش، كۆپ تولۇقلاش، ئاز قېزىشتىن ئىبارەت «تۆت كۆپ، بىر ئاز بولۇش» نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تېخىمۇ سىستېمىلاشتى، ئىلمىيلەشتى، ئىنچىكىلەشتى. سۇ بىلەن تەمىنلەش ئومۇمىي مىقدارىدا، يېزا ئىگىلىكىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 51 مىليارد 781 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، جەمئىي سۇغىرىلغان كۆلەم 737 مىليون مو قېتىمغا يەتتى. 2021 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، 2024 - يىلى شىنجاڭدا سۇغىرىشقا 6 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر سۇ كۆپ تەمىنلەندى، ئېكولوگىيەگە 4 مىليارد 580 مىليون كۇب مېتىر سۇ كۆپ تولۇقلاندى، يەر ئاستى سۈيى 2 مىليارد 400 مىليون كۇب مېتىر ئاز قېزىلدى، سۇ تىرىكى، سۇ كاپالىتى تېخىمۇ پۇختىلاندى.
شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىدىكى ئەمەلىي ئەھۋال ۋە گەۋدىلىك زىددىيەتلەرگە قارىتا، شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى «توققۇز مەنبە، بىر غول ئېقىن»، شىمالىي شىنجاڭدا «ئالتە دەريا، بىر كۆل» مۇھىم نۇقتا قىلىنغان سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورناتتى، بىر قاتار تەدبىرلەر سۇ بايلىقىدا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى ئايرىۋېتىش، ۋادى رايونىنى كۆپ تەرەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى تۈپتىن بۇزۇپ تاشلىدى.
يېقىنقى ئۈچ يىلدا، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى جەمئىي 90 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %16تىن يۇقىرى بولدى، بىر قاتار چوڭ - چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، مومۇق سۇ ئامبىرى، نىيە سۇ ئامبىرى قاتارلىق تۈرلەر پۈتۈپ سۇ ساقلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان سۇ تورى ئورۇنلاشتۇرۇشى تېز شەكىللىنىپ، سۇ بايلىقىنىڭ زامان ۋە ماكان جەھەتتىكى تارقىلىشىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسى يەنىمۇ ھەل قىلىندى. بۇ يىل كەلكۈن مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم سۇ ئامبارلىرىدا سۇنى تولۇق ساقلاپ يۈرۈشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق سىستېمىسى سۇ بايلىقىنى ئىلمىي، دەل جايىدا تەڭشەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، سۇ ئامبارلىرىنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىكى يۈرۈشۈش سۇ ئورنىنى ھەرىكەتچان تەڭشەش - تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇپ، سۇ بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئەتىيازلىق سۇغىرىشتا سۇ قىس بولۇش ۋە «گالنى بوغىدىغان قۇرغاقچىلىق» قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى سۇ بىرقەدەر مول بولۇشتەك پايدىلىق پۇرسەتنى ئىگىلەپ، نۇقتىلىق رايونلار، بولۇپمۇ تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، بۇ يىل 6 مىليارد 56 مىليون كۇب مېتىر كەلكۈن سۈيى بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كەلكۈن سۈيىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى %80تىن ئاشۇردى.