− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ھەم پېرۇدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خاۋ ۋېيۋېي، ياڭ يىجۈن، خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، خۇ زېشى
باش يازدىكى لىمادا، سېرىق پەركا گۈل پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. تىنچ ئوكياننىڭ مەيىن شامىلى «گۈلگە پۈركەلگەن پايتەخت»نى سىيپاپ ئۆتۈپ، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق خەۋىرىنى ئېلىپ كەلدى.
«سىزنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ 2024 - يىللىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ بېرىشىڭىزنى ھەم پېرۇدا يەنە بىر قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.» بىر يىل ئىلگىرى، ئامېرىكا سان فىرانسىسكودا، پېرۇ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2024 - يىللىق ساھىبخانىلىق كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا، زۇڭتۇڭ بورۇئارت بىرىنچى ۋاقىتتا رەئىس شى جىنپىڭنى سەمىمىي تەكلىپ قىلدى.
تەكلىپ تۆت پەسىلنى كېسىپ ئۆتتى، دوستلۇق رىشتى تاغ - دېڭىزلاردىن ھالقىدى. شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان لىما كاللائو ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ باردى. ئايروپورتتا كۈتۈۋالغان پېرۇ مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئادرىيانسون رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شى جۇشىغا رەھمەت! سىزنىڭ كەلگەنلىكىڭىزدىن بىز چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدۇق».
شەرقتىكى چوڭ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ئىزلىرى يول ئېچىش ۋە ئىلگىرىلەش، ئەندىزە ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، ئۇنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتقان خەلقئارا تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى، يارىتىش كۈچىنى جۇلالاندۇرماقتا.
2013 - يىلىدىن بۇيان 6 - قېتىم لاتىن ئامېرىكىسىغا بېرىپ «ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرىنى يوقلىدى»، ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتۈپ تىنچ ئوكياننىڭ قارشى قىرغىقىدىكى «قوشنا»سىنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلدى. ھەممە تونۇشلۇق، ھەممە يەنە يېڭى تۈسكە كىرگەنىدى.
تىنچ ئوكياننىڭ دېڭىز قىرغىقىدىن ئاندېس تاغ جىلغىسىغىچە، يەنە ئامازون دەريا ساھىلىغىچە، بۇ قەدىمىي، رەڭدار زېمىندا «جۇڭگو مۇھەببىتى» تېخىمۇ قويۇق بولۇپ، «جۇڭگو قىزغىنلىقى» بارغانسېرى ئۇرغۇدى.
دولقۇن شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ، تۈرلۈك - تۈمەن ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. جۇڭگو - پېرۇ مۇناسىۋىتىدىن جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىقىغىچە، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىدىن يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشقىچە، داۋالغۇش، ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان دۇنيادا، جۇڭگو پۇرسىتىنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىياتتىكى تۈرتكىلىك كۈچى تېخىمۇ كۈچەيدى، جۇڭگو لايىھەسىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىدىكى يېتەكچىلىك كۈچى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.
(1) 10 يىل . چوڭ دىپلوماتىيە: لىمادىن يولغا چىقىپ، جۇڭگو - پېرۇ دوستلۇق پاراخوتى تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ ئاتلاندى
ۋاقىتنىڭ قانداق كۈچى بار؟ 10 يىلنىڭ شىكالىسىدە، ئۇ نېمىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، يەنە نېمىنى يارىتالايدۇ؟
10 يىل ئىلگىرى، دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى يېتەكچىلىكىدىكى جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى چوڭ پاراخوتى رەسمىي سەپەرگە ئاتلاندى؛ 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىقى سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىنى ئاشۇرۇش تېز سۈرئەتلىك يولىغا كىردى، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتى باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئىجادىي، ئوچۇق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى.
10 يىل ئىلگىرى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، دۇنيانىڭ باراۋەر - ئىناقلىق ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈككەن شەرقتىكى چوڭ دۆلەت يېڭى دەۋر جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈردى؛ 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، جۇڭگو خىسلىتى، جۇڭگو سالاپىتى جۇڭگونىڭ دوستلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا تاراتتى، دۇنيا جۇڭگوغا مىسلىسىز دىققەت قىلدى.
تاڭ قۇياشى دېڭىز يۈزىدىن كۆتۈرۈلدى، ئىللىق نۇرى قىرغاقتىكى يېشىللىقنى سىيپاپ ئۆتۈپ، لىما كوچىسىدىكى گېزىت - ژۇرنال بوتكىلىرىغا چۈشتى. 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى نەشردىن چىققان «پېرۇلۇقلار گېزىتى»نىڭ ئىككى بېتىگە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى بېسىلغان بولۇپ، گېزىت كۆزگە ئەڭ چېلىقىپ تۇرىدىغان ئورۇنغا قويۇلغانىدى.
«بۇ يەردىكى خەلق جۇڭگولۇقلارنى سەمىمىيلىك بىلەن <يۇرتداش> دەپ ئاتايدۇ» «جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكىلەر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بىلەن ئامېرىكا قىتئەسى مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بىر ئەجدادنىڭ ئەۋلادلىرى ئوخشىمىغان دەۋر، ئوخشىمىغان جايدا ياراتقان ھاسىلات، دەپ قارايدۇ» «نۇرغۇن كىشى ماڭا جۇڭگو بىلەن پېرۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بىر - بىرىنى كۆرسىلا <ئىنتايىن يېقىن> ھېس قىلىدىغانلىقى، بىر - بىرىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرسىلا <تونۇش> ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى»... ھەربىر ئېغىز سەمىمىي سۆز جانلىق ئەسلىمىلەرنى ئويغاتتى، جۇڭگو - پېرۇ دوستلۇقىنىڭ تارىخىي رىشتىسى، مەدەنىيلىك پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلدى.
قان قېرىنداشتەك يۇغۇرۇلغان دوستلۇق بار، تېخىمۇ مۇھىمى دادىل باشلامچى بولۇشتەك جاسارەت بار؛ مەدەنىيلىك مەشئىلىگە ۋارىسلىق قىلىش بار، تېخىمۇ مۇھىمى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان يول ئېچىش بار.
2013 - يىلى شىمالىي يېرىم شاردىكى باش باھاردا، يېڭى دەۋر جۇڭگو دىپلوماتىيەسى «جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش دولقۇنى»نى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو - پېرۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى ئورتاق جاكارلىدى. پېرۇ يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ بىرى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يەنە بىر سالاھىيىتى كۆپەيدى: جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ بىرى.
2016 - يىلى جەنۇبىي يېرىم شاردىكى باش يازدا، رەئىس شى جىنپىڭ پېرۇدا تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، جۇڭگو - پېرۇ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىش يېڭى باسقۇچىنى باشلىدى. سەككىز يىلدا مول مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى: ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى 1.6 ھەسسە ئاشتى، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پېرۇغا سالغان مەبلىغىنىڭ ساقلانما مىقدارى بىر قاتلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى.
يول بويى يېتەكلەش، يول بويى ئالغا ئىلگىرىلەش. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - پېرۇ مۇناسىۋىتىنىڭ «مۇۋەپپەقىيەت يولى»نى چوڭقۇر بايان قىلدى: «قەدىمىي مەدەنىيلىكنىڭ چوڭقۇر جۇغلانمىسى جۇڭگو - پېرۇ ئىككى دۆلەتكە ئەقىل - پاراسەت ۋە كەڭ قورساقلىق بېغىشلاپ، بىزنى تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرۈپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، باشتىن - ئاخىر باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان گەۋدە، ئوخشاش بولمىغان تۈزۈم، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇردى».
يېڭى «لىما ۋاقتى»، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسى.
لىما كاللائو ھاۋا ئارمىيە بازىسى − «شى جۇشى، سىزنى قارشى ئالىمىز!» مىللىيچە كىيىنگەن پېرۇلۇق ئۆسمۈر يىراقتىن كەلگەن جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانغا ئوتقاشتەك قىزىلگۈل تەقدىم قىلدى. «ياشىسۇن جۇڭگو - پېرۇ دوستلۇقى!» «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پېرۇدىكى زىيارىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!» ئايروپورتتىن تۇرۇشلۇق جايغىچە، گۈزەل تىلەكلەر قىزىل پىلاكات ئۈستىدە جانلىق گەۋدىلىنىپ، قىزغىن تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.
لىما شەھەر مەركىزىدىكى قورال مەيدانىدا پالما يوپۇرماقلىرى جىلۋە قىلاتتى، فونتان ئېتىلىپ تۇراتتى، 72 تۇلپار مەزمۇت قەدەم ئېلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. ھۆرمەت توپى يەر - جاھاننى لەرزىگە سالدى، كۈمۈش لاچىنلار كۆكتە پەرۋاز قىلدى، جۇشقۇن ھەربىي ئوركېستىر «جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنى ئازاد قىلغۇچى» جياڭجۈن سان مارتېن پېرۇنىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان جايدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى. زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئالدىدىكى مەيداندا، ئۇزۇن قىزىل پاياندازنى بويلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يانمۇيان مېڭىپ، مىلتىق تۇتۇپ تۇرغان ھۆرمەت قاراۋۇللىرىغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.
كىشىلەر جۇڭگو - پېرۇ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ كۆپ قېتىم ھەمتۈرتكە بولۇشىغا كۆز تىكمەكتە −
بۇ يىل 6 - ئايدا زۇڭتۇڭ بورۇئارتنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو سەپىرىدىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى پېرۇدا زىيارەتتە بولۇشىغىچە، بەش ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يىللىق ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پېرۇ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ تۇپاك ئامارۇ زالىدا، جۇڭگو بىلەن پېرۇنىڭ دۆلەت بايرىقى بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بورۇئارت بىلەن يەنە بىر قېتىم يۈزتۇرا بىللە ئولتۇرۇپ، سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
«ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندى، بۇ پەيت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇق ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىقنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئورتاق گۈللىنىدىغان ۋە تەرەققىي قىلىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى قەتئىي ئارزۇسىنى نامايان قىلدى.» زۇڭتۇڭ بورۇئارتنىڭ باشلىنىش سۆزىدە قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇراتتى.
تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشتىن ئەمەلىي ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقىچە، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتىن مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىشقىچە، رەئىس شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، جۇڭگو بىلەن پېرۇنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
«سودا ۋە سېلىنمىدىن ئىبارەت <قوش چاق ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرۈش>نى كۈچەيتىش، ئەنئەنىۋى كەسىپ ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپتىن ئىبارەت <ئىككى قانات ئارقىلىق ئۇچۇش>قا تۈرتكە بولۇش، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدىن ئىبارەت <ئىككى زەنجىرنى تۇتاشتۇرۇش>نى ئىلگىرى سۈرۈش»، جۇڭگو - پېرۇ ھەمكارلىقىنىڭ بۇ يېڭى مەنزىرىسى نەق مەيداندىكى پېرۇ ئەمەلدارلىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى ھاياجانغا سالدى.
كىشىلەر جۇڭگو - پېرۇ ھەمكارلىقى سۈرئىتىنىڭ تېزلەشكەنلىكىنى تەرىپلىمەكتە −
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش بار: 2019 - يىلى، جۇڭگو بىلەن پېرۇ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى، پېرۇ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا ئەڭ بالدۇر قاتناشقان لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، ئىككى تەرەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى ئىمزالىدى، جۇڭگو تەشەببۇسى پېرۇدا ئۈزلۈكسىز يىلتىز تارتىپ چېچەكلىدى.
ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بار: 15 يىل ئىلگىرى، پېرۇ جۇڭگو بىلەن تۇنجى بولۇپ بىر قاتار ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتى بولۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، ئىككى تەرەپ ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېلىشىمنامىسىنى رەسمىي ئىمزالىدى. زۇڭتۇڭ بورۇئارت: پېرۇ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا «ھالقىش خاراكتېرلىك بىر قەدەم» تاشلىدى، دېدى ھاياجانلانغان ھالدا.
زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان قوشما باياناتتا مۇنداق بىر ئابزاس سۆز يېزىلدى: «ئىككى تەرەپ جۇڭگو - پېرۇ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى رامكىسىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق گۈللەنگەن كەلگۈسىنى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەيدۇ».
11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كەچتە، پېرۇ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئېرىسپرو زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى. جۇڭگو بىلەن پېرۇنىڭ سىياسىي ساھەسى، سودا ساھەسىدىكى ۋەكىللەر يېتىپ كەلدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پېرۇدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىمۇ يېتىپ كەلدى، دۇنيا جۇڭگو - پېرۇ ھەمكارلىقىدىكى بىر «تارىخىي پەيت»كە گۇۋاھ بولدى.
سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بورۇئارت بىلەن يانمۇيان مېڭىپ كەلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقىنىڭ ئالدىدا غايەت زور ئېكران قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. «چيەنكەيدىن شاڭخەيگە بېرىش: تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، گۈللىنىشنى ئورتاق قۇرۇش»، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پېرۇ چيەنكەي پورتىنىڭ پورت ئېچىش مۇراسىمىغا سىنلىق شەكىلدە ئورتاق قاتناشتى.
«چيەنكەيدىن شاڭخەيگە بېرىش» پېرۇدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ مودا سۆزى بولۇپ قالدى، شۇنداقلا خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ قىزغىن سۆز تېمىسىغا ئايلاندى. بەزىلەر: جەنۇبىي ئامېرىكا سۇ تىرانسپورتىنىڭ بۇ يېڭى دەرۋازىسى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنىڭ يېڭى دەلىلى دېيىشتى؛ بەزىلەر: ئۇ پېرۇ ھەتتا پۈتكۈل لاتىن ئامېرىكىسى چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ زور تۇتاشتۇرۇلۇشى، زور تەرەققىي قىلىشىنىڭ يېڭى پۇرسىتى دېيىشتى؛ يەنە بەزىلەر: ئۇ تارىخنى ئۆزگەرتىپ، تىنچ ئوكيان سودىسىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىدۇ، دېيىشتى.
«دوكلات رەئىس، دوكلات زۇڭتۇڭ، چيەنكەي پورتىنىڭ قۇرۇلۇشى تاماملاندى، پورت ئېچىش شارائىتى ھازىرلاندى، يوليورۇق بەرگەيسىلەر».
«پورت ئېچىلسۇن!» ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بۇيرۇق بەردى.
ئۇزۇن دولقۇن توسۇش دامبىسى يېپيېڭى پورتنى خۇددى يەلكىدەك قوغداپ تۇراتتى، ئېگىز ئاسما كۆۋرۈك شاڭخەيدىن كەلگەن «پېرۇ» ناملىق پاراخوتقا قاچىلانغان جۇڭگونىڭ «يېڭى ئۈچ خىل مەھسۇلات» يۈك ساندۇقىنى چۈشۈرۈپ، يەنە پېرۇنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى بىلەن لىق قاچىلانغان يۈك ساندۇقىنى پات ئارىدا جۇڭگوغا بارىدىغان «يېڭى شاڭخەي» ناملىق پاراخوتقا قاچىلىدى.
ئۇزۇنغا سوزۇلغان دېڭىز قىرغىقىدا سۇدا ئەكس ئەتكەن چىراق نۇرلىرى ئىنتايىن گۈزەل كۆرۈنەتتى، چيەنكەي پورتى كۆزنى چاقنىتاتتى؛ قىزغىن ئالقىش سادالىرى، تەبرىكلەش ۋە ئۈمىد ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتتى. جۇڭگو - پېرۇ ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.
قانداق قىلغاندا چيەنكەي پورتىنى ياخشى قۇرغىلى، ياخشى باشقۇرغىلى، ياخشى يۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ «يول ئارقىلىق ئەشيا ئوبوروتىنى يېتەكلەش، ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق ئىقتىساد - سودىنى يېتەكلەش، ئىقتىساد - سودا ئارقىلىق كەسىپنى يېتەكلەش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ قانداقمۇ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا «تاشنى سىيلاپ دەريادىن ئۆتۈش»دىن ئىبارەت بېسىپ ئۆتكەن يول بولسۇن. جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ قايتىپ كەلگەن زۇڭتۇڭ بورۇئارت شېنجېندىكى بېلىقچىلىق كەنتىنىڭ «كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىشى»دىن چوڭقۇر تەسىرات ئالدى. ئۇ شېنجېننىڭ تەرەققىياتىنى ئۆرنەك قىلىپ، بىر مەيدان ئۆزگىرىشنى باشلاپ، چيەنكەينى دۇنيا دەرىجىلىك ئەشيا ئوبوروتى، پەن - تېخنىكا، سانائەت مەركىزى قىلىپ بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.
بۇ ئۇلۇغۋار مۇساپىدە تارىخنىڭ قايتما ساداسى بار، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىگە بولغان چەكسىز تەسەۋۋۇر بار.
پورت ئېچىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ 2000 نەچچە يىل ئىلگىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەجدادلىرى ئاچقان دېڭىز يىپەك يولىنى تىلغا ئالدى، 500 نەچچە يىل ئىلگىرى پېرۇلۇقلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان ئىنكالار ياسىغان ئىنكا قەدىمىي يولىنى تىلغا ئالدى، «بۈگۈنكى كۈندىكى چيەنكەي پورتى <يېڭى دەۋردىكى ئىنكا قەدىمىي يولى> نىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا ئايلانماقتا». زۇڭتۇڭ بورۇئارت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ <يېڭى دەۋردىكى ئىنكا قەدىمىي يولى> ئىككى چوڭ مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتنىڭ ئالاقە كۆۋرۈكىنى، ئىككى دوستانە مىللەتنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كۆۋرۈكىنى سالىدۇ. ياشىسۇن جۇڭگو! ياشىسۇن پېرۇ - جۇڭگو دوستلۇقى!»
(2) 35 يىل . چوڭ ھەمكارلىق: خەلققە بەخت يارىتىلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرى ئېچىلدى
دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى كۈنتەرتىپى ئاخىرلاشتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پېرۇ سەپىرى «APEC ۋاقتى»غا كىردى. 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە، جۇڭگو دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقى چوڭ سەھنىسىگە يۆتكەلدى.
بىپايان تىنچ ئوكياندا دولقۇنلار قىرغاققا ئۇرۇلۇپ، دۇنيا ئىقتىساد مەركىزىنىڭ شەرققە يۆتكىلىشىدەك دەۋر تومۇرىنى دولقۇنلاتماقتا. 35 يىلدىن بۇيان، رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئەسلىي مەقسىتىدە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىيا قىتئەسى، ئامېرىكا قىتئەسى، ئوكيانىيە قىتئەسىدىن كەلگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى تۇتاشتۇردى، ھەرقايسى ئەزالار ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، بىرى گۈللەنسە ھەممىسى گۈللىنىدىغان، بىرى زىيانغا ئۇچرىسا ھەممىسى زىيانغا ئۇچرايدىغان مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندى.
ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، كارخانىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى، ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7000دىن ئارتۇق ۋەكىل تەرەپ - تەرەپتىن كېلىپ لىماغا جەم بولدى. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىسادىي گەۋدىسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ يېتىپ كېلىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇلارنىڭ تاللىشى ۋە مەسئۇلىيىتى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى ياراتتى، شۇنداقلا ياۋا ئارىلىدىكى باغۋەنلەر ۋە ئاندېس تېغىدىكى ھۈنەرۋەنلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتتى.
يىغىن بايرىقى شامالدا جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى لىما يىغىن مەركىزىدە باشلاندى. رەئىس شى جىنپىڭ مەزمۇت قەدەملەر بىلەن يېتىپ كەلدى، زۇڭتۇڭ بورۇئارت قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قىممەتلىك «APEC پەيتى»نى قالدۇردى.
ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتۈپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنە «لىما ئۇچرىشىشى»غا بېرىپ، ساھىبخان بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتا ھەمنەپەس بولدى، «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا يىلتىز تارتىش، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنى گۈللەندۈرۈش، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا بەخت يارىتىش» ۋەدىسىگە ئەمەل قىلدى.
يىغىن مەركىزىدىكى لىما زالىنىڭ يۇمىلاق شەكىللىك يىغىن ئۈستىلىنىڭ مەركىزىگە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان يىغىن بەلگىسى قويۇلغانىدى. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى 21 ئىقتىسادىي گەۋدىگە سىمۋول قىلىنغان 21 تال نۇر ئالتۇن رەڭلىك قۇياشنى ھاسىل قىلىپ، قاتمۇقات دېڭىز دولقۇنلىرىدىن ھالقىپ، ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى. يېڭى «لىما ۋاقتى» ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تارىخىدا قانداق ئىزلارنى قالدۇرىدۇ؟ دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن شەكىلدە قانات يايدۇرۇلدى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقى نەگە بېرىپ نەدە تۇرىدۇ، يەرشارىۋى تەرەققىيات نەگە بېرىپ نەدە تۇرىدۇ؟
«تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالدى. بىز ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، 2040 - يىل پۇتراجايا ئارزۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىشىمىز كېرەك.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى ماس قەدەمدە لىما زالىدىكى غايەت زور ئېكراندا كۆرسىتىلدى. مەردانە - جاراڭلىق جۇڭگو تەشەببۇسى، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك جۇڭگو لايىھەسى ئورتاق تونۇش ۋە بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىشەنچ ۋە ئۈمىد يەتكۈزمەكتە.
«نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ زور تەرەققىياتى، زور گۈللىنىشى، زور تۇتاشتۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يەرشارىۋى ئىقتىسادتىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بۆلەككە ۋە ئاساسلىق ئېشىش موتورىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.» − سالماق زور بولغاچقا، مەسئۇلىيەت زور بولىدۇ.
«دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاجىز بولۇۋاتىدۇ، دۇنيانىڭ ئېچىۋېتىش كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەۋاتىدۇ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىمۇ جۇغراپىيەلىك سىياسىي، يەككە تەرەپچىلىك ۋە قورۇقچىلىق كۆپىيىش قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.» − زور خىرىس ئالدىدا، جەزمەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش كېرەك.
«ئېچىۋېتىلگەن، يۇغۇرۇلغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىق ئەندىزىسى بەرپا قىلىش» «يېشىل، ئىجادىي بولغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈش» «ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش» − رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىشنى چۆرىدەپ ئۈچ تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەۋقەنى جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىيات تەجرىبىسىگە قويۇپ، «كۈچ قوشۇش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت يىغىن باش تېمىسىغا ماسلىشىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىدىغان چوڭ دۆلەت ئەقىل - پاراسىتى، چوڭ دۆلەت سالاپىتىنى نامايان قىلدى.
دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، دەۋر ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ياخشى ئىگىلەش.
لىما شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئادەملەر كۆپ بولۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى سودا ساھەسىدىكى 1000دىن ئارتۇق سەرخىللار بىر يەرگە جەم بولدى. ۋەكىللەر «ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى»نىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سودا - سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا سۆزلىگەن يازما نۇتقىدا 13 قېتىم كۆرۈلگەنلىكىگە دىققەت قىلدى.
2013 - يىلىدىن بۇيان، ھەر قېتىم ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ «يەرشارىۋى ئىقتىسادتىكى ئەڭ جانلىق كۈچ»كە يۈزلىنىپ نۇتۇق سۆزلەپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ يىلدىن بۇيان، يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى سىجىل داۋالغۇپ، يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى، نۇتۇقنىڭ باش تېمىسى «ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى»غا مەركەزلەشتى.
بۇ ھۆكۈم كىشىنى ئەڭ ئىلھاملاندۇرىدۇ: «ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، ھەيۋەتلىك تارىخىي ئېقىن، گەرچە تەتۈر شامال ۋە قايتما دولقۇنغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىش ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئەزەلدىن ئۆزگەرگىنى يوق».
بۇنىڭ ئىچىدە، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن قارشىلىق كۈچىنىڭ پەرقلەندۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ: «ھازىر، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن قارشىلىق كۈچ تىركىشىۋاتىدۇ، لېكىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يەنىلا قارشىلىق كۈچىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ».
بۇنىڭ ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش بار، تېخىمۇ مۇھىمى كۆرسىتىپ بېرىش بار: «تۈرلۈك ناملار بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا توسقۇنلۇق قىلىپ، بىر - بىرىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان دۇنيانى جاھىللىق بىلەن پارچىلىۋېتىش تارىخنى كەينىگە ياندۇرغانلىق» «ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ يالغۇز ئىگىلىۋېلىش، زومىگەرلىك قىلىشتىن ئىبارەت كونا يولىدا مېڭىشقا بولمايدۇ» «ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك».
مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، تومۇر تۇتۇپ رېتسېپ يازدى: «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك» «دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك» «ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك» − قانداق قىلىپ قول تۇتۇشۇپ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا قارىتا، رەئىس شى جىنپىڭ «ئۈچتە چىڭ تۇرۇش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسىدىكى گەۋدىلىك زىددىيەتلەرنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، دەۋر ئېقىمىغا ماس كېلىدىغان جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئىشلارنى بايان قىلىپ، كەلگۈسىگە نەزەر سالدى: 16 - ئەسىردە يىراق لاتىن ئامېرىكىسى سەپىرىگە ئاتلانغان «جۇڭگو پاراخوتى»نى تىلغا ئالدى، يەنە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىقتىساد دۇنياۋىلىشىشقا ئۇيغۇنلىشىدىغان گۈللىنىش يولىنى تىلغا ئالدى. كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى داۋاملىق تۈردە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان پاراۋۇز بولۇپ، ئېچىۋېتىلگەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى، سىغدۇرۇشچان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىن ئىبارەت ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىنى جۇلالاندۇرۇپ، يېشىل ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى، رەقەملىك ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى يېڭى ۋىۋىسكىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنىڭ كېيىنكى «ئالتۇن 30 يىل»ىنى يارىتىشى كېرەك.
قانچە جاپا - مۇشەققەت، داۋالغۇش بولغانسېرى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش شۇنچە روشەنلىشىدۇ.
ئۇ، 2017 - يىللىق دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىللىق يىغىنىدىكى «دۇنيا ئىقتىسادىدىن ئىبارەت چوڭ دېڭىز مەيلى سىز خالاڭ ياكى خالىماڭ، ئۇ شۇ يەردە» دېگەندىن ئىبارەت كەڭ نەزەر دائىرە؛ 2019 - يىللىق شاڭخەي ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىكى «چوڭ دەريا - ئېقىنلارنىڭ ئۆركەشلەپ ئېقىش ۋەزىيىتىنى ھېچكىممۇ توسۇپ قالالمايدۇ» دېگەندىن ئىبارەت زور جاسارەت؛ بۇ قېتىمقى لىما يىغىنىدىكى «داۋاملىق تۈردە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان پاراۋۇز بولۇش»تىن ئىبارەت زور ئىنتىلىش...
ئەمدىلا ئاياغلاشقان ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كارخانىلار تولۇق مۇۋەپپەقىيەت بىلەن قايتتى؛ ئەمدىلا ئېچىلغان چيەنكەي پورتىنى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بىر قىسىم قوشنا دۆلەتلەر بېرىپ تەكشۈرۈشكە تەييارلانماقتا. «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» يۇقىرى سۈپەتلىك يولغا قويۇلۇپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئەركىن سودا رايونىنىڭ 3.0 نۇسخىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۆھبىتىنى ماھىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرغانلىقى ھەم جۇڭگو بىلەن پېرۇنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېلىشىمنامىسى ئىمزالىغانلىقىدىن ئىبارەت يېڭى خەۋەر كىشىنى روھلاندۇرىدۇ...
دۇنيا كۆز تىكمەكتە، ھاياجانلانماقتا: «جۇڭگو ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتىكى ھەقىقىي يېتەكچى» «شى جۇشى بىزگە جۇڭگونىڭ مۇقىم ۋە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى» «پۈتۈن دۇنيا شى جۇشىدەك مۇشۇنداق رەھبەرگە موھتاج»...
بۇ قېتىمقى لىما يىغىنىدا، جۇڭگو تەرەپنىڭ پائال تۈرتكىسىدە، ھەرقايسى تەرەپلەر «2024 - يىللىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر ماچۇ پىچۇ خىتابنامىسى» «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قارالمىسىغا دائىر يېڭى نەزەر توغرىسىدىكى بايانات» «مۇنتىزىم بولۇشقا ۋە يەرشارىۋى ئىقتىسادقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى لىما يول خەرىتىسى»دىن ئىبارەت ئۈچ نەتىجە ھۆججىتىنى ئېلان قىلدى. 2040 - يىلى ئېچىۋېتىلگەن، ھاياتىي كۈچكە تولغان، كۈچلۈك ئېلاستىكلىققا ئىگە، تىنچ بولغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ چىقىش، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش... تۈرلۈك مۇھىم يىغىن نەتىجىلىرىگە جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى مۇجەسسەملەنگەن.
ئورتاق تونۇشنى ئېلىپ، نەتىجىلەرنى ئېلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان چوڭ ئائىلىسىدىكىلەر «پۈتۈن ئائىلە سۈرىتى»گە چۈشكەن پەيتنى كۈتۈۋالدى. كۆك رەڭلىك ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسى ئالدىدا، يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر پېرۇچە خاسلىققا ئىگە قوي تۆگە يۇڭى شارپىسىنى مۈرىسىگە ئارتىپ، قاتار تىزىلىپ تۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بورۇئارتنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇپ، زۇڭتۇڭ بورۇئارت بىلەن پات - پات پاراڭلاشتى. كۈلۈمسىرەش، قول پۇلاڭلىتىش، ئېھتىرام بىلدۈرۈش، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان چوڭ ئائىلىسىنىڭ دەۋر كۆرۈنۈشى كامېرا ئارقىلىق خاتىرىلەندى.
11 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىكى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2026 - يىللىق ساھىبخانى بولىدىغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى.
10 يىل ئىلگىرى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ياۋا غاز سېپى بېيجىڭدىن ئۇچقاندىكى ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھېلىھەم كۆز ئالدىمىزدا، دۇنيا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى خەلقىگە بەخت يارىتىدىغان يەنە بىر «جۇڭگو پەيتى»نى كۈتمەكتە.
ھەربىر يول، ھەربىر مۇساپە. بۇ، بىر گۈللىنىشكە ئاتلانغان مىللەتنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتىكى باتۇرلۇقى، كۆڭلىگە جاھاننى پۈككەن چوڭ دۆلەتنىڭ تەقدىرداش بولۇشتىكى ئىزدىنىشى.
(3) يۈز يىل . چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى: دۇنيا بىلەن ۋەدىلىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور بىرىكمە كۈچ توپلىدى
دۇنيانىڭ يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى، مەدەنىيلىكنىڭ مىڭ يىللىق يۇغۇرۇلۇشى. بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: چوڭ تارىخ قارىشى، چوڭ دەۋر قارىشى، چوڭ مەدەنىيلىك قارىشى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۆزگىچە خاراكتېرى.
بۇ ئۆزگىچە خاراكتېر جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى دوستلۇقى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقى ئىشلىرىدا نامايان بولدى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى پىلانى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى توغرىسىدىكى ئويلىنىشىنى ۋۇجۇدقا چىقارماقتا.
11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، لىما دېلفىن مېھمانسارىيى، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاساسىي مەيدانى. دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى.
ئالاھىدە ۋاقىت تۈگۈنى جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى لىما ئۇچرىشىشىنى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە قىلدى.
قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، ئەھۋال سورىشىش، بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈش، نەق مەيداننى فوتو ئاپپاراتلىرىنىڭ كۇنۇپكا ئاۋازى قاپلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن كۆرۈشكەندە، ئالدىنقى قېتىملىق سان فىرانسىسكو ئۇچرىشىشى ئۆتۈپ كەتكىلى دەل بىر يىل بىر كۈن بولغانىدى.
«زۇڭتۇڭ بايدېن ئەپەندى بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن».
«رەئىس ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت، سىز بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن».
ئۆتكەن تۆت يىلدا، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى گەرچە تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنە سۆھبەت ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
تەجرىبىلەر يەكۈنلەشكە ئەرزىيدۇ، ئىلھامنى ئەستە تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئىككى ۋاقىت ئۆلچىمى بويىچە قايتا نەزەر سالساق، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ توغرا بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولى بارغانسېرى روشەنلەشتى:
بىر ۋاقىت ئۆلچىمى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىل.
رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئىككى دۆلەت ھەمراھلاردىن بولۇپ، دوستلاردىن بولۇپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرسە، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلالايدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپنى رەقىب دەپ قاراپ، دۈشمەن دەپ قاراپ، يامان سۈپەتلىك رىقابەتلىشىپ، بىر - بىرىگە زىيان يەتكۈزسە، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى داۋالغۇشقا ئۇچرايدۇ، ھەتتا چېكىنىدۇ».
بىر ۋاقىت ئۆلچىمى، ئۆتكەن تۆت يىل.
رەئىس شى جىنپىڭ جانلىق ھالدا جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بىر بىناغا ئوخشاتتى، 2021 - يىلىدىكى سىنلىق ئۇچرىشىشتىن 2022 - يىلىدىكى بالى ئارىلى ئۇچرىشىشىغىچە، ئاندىن 2023 - يىلىدىكى سان فىرانسىسكو ئۇچرىشىشىغىچە، قەدەممۇقەدەم بىنانىڭ ئەگمە ئۆگزىسى ياسىلىپ، ئۇلى قۇرۇلۇپ، تۈۋرۈكى تىكلەندى. بۇ قېتىمقى لىما ئۇچرىشىشىدا، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ يەتتە تۈرلۈك تەجرىبە ۋە ئىلھامنى يەكۈنلىدى: توغرا ئىستراتېگىيەلىك تونۇش بولۇشى كېرەك، گېپى گەپ بولۇشى، دېگىنىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش كېرەك، قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەككە خىرىس قىلىشقا بولمايدۇ، كۆپرەك سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش كېرەك، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىش كېرەك.
قايتا نەزەر سالغىنى ئۆتكەن تۆت يىل بولدى، كۆزلىگىنى كەلگۈسى نەچچە يىل، ھەتتا نەچچە ئون يىل، يۈز نەچچە يىل بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر - بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش - قىلالماسلىقى دۇنيانىڭ كەلگۈسى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، بۇ، ئىككى دۆلەت جەزمەن ياخشى جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك ئەسىر سوئالى.
ئامېرىكا ئومۇمىي سايلىمى ئاخىرلاشتى، دۇنيا جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.
«جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن داۋاملىق تۈردە سۆھبەتلىشىشنى ساقلاپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىلىق ئۆتۈشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ» رەئىس شى جىنپىڭ مەيدانىنى ئىزاھلىدى.
«بىز ئىككى دۆلەت رىقابەتنى توقۇنۇشقا ئايلاندۇرۇپ قويساق بولمايدۇ. مەيلى خەلقىمىز ئۈچۈن بولسۇن، مەيلى سىز كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ئۈچۈن بولسۇن، بۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز» زۇڭتۇڭ بايدېن پائال جاۋاب قايتۇردى.
رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن تۆت «ئۆزگەرمىدى» خەلقئارا تاراتقۇلار خەۋەر قىلغان جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ لىما ئۇچرىشىشىدا كېلىشىۋالغاندەك مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى: «جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ چىقىرىش نىشانى ئۆزگەرمىدى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدا جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپى ئۆزگەرمىدى، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش مەيدانى ئۆزگەرمىدى، جۇڭگو - ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئارزۇسى ئۆزگەرمىدى».
خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق باھا بەردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، «كەلگۈسىدىكى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ بەردى».
چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدە رولنى تۇتۇپ، داۋالغۇش ۋە ئەنسىزلىك بولۇۋاتقان دۇنياغا ئېنىقلىق قوشۇپ، ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى؛ تەرەپ - تەرەپتىن كەڭ دوست تۇتۇپ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملىدى، تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ياراتتى.
دائىم بىر مەيدان كۆرۈشۈش ئەمدىلا باشلانغاندا، كېيىنكى مەيداندا كۆرۈشىدىغان چەت ئەللىك مېھمانلار مېھمانخانىغا كېلىپ كۈتۈپ تۇردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «APEC ۋاقتى»دا، زىچ بولغان ئىككى تەرەپ پائالىيەتلىرى ۋە مۇھىم بولغان كۆپ تەرەپ قارالمىلىرى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلدى.
تايلاند، سىنگاپور، يېڭى زېلاندىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت زۇڭلىلىرىنىڭ ھەممىسى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە دىققەت دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتى.
«رەئىس شى جىنپىڭ! بۈگۈن سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدىم» تايلاند زۇڭلىسى پېي تۇڭتەن ئالدى بىلەن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئېھتىرام بىلدۈردى. رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى يىل ئىلگىرىكى باڭكوك سەپىرىنى ئەسلەپ، جۇڭگو - تايلاند تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سالدى. زۇڭلى پېي تۇڭتەن يېقىندا جۇڭگوغا قىلغان زىيارىتىدىكى چوڭقۇر تەسىراتىنى سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىسىگە بولغان قايىللىقى، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇسقا بولغان چۈشەنچىسىنى بايان قىلدى. كېلەر يىلى جۇڭگو - تايلاند دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھەم «جۇڭگو - تايلاند دوستلۇقىنىڭ ئالتۇن 50 يىلى» كۈتۈۋېلىنىدۇ، زۇڭلى پېي تۇڭتەن رەئىس شى جىنپىڭنى يەنە بىر قېتىم تايلاندتا زىيارەتتە بولۇشقا قىزغىن تەكلىپ قىلدى.
بىر يىل ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن سىنگاپورنىڭ مۇناسىۋىتى ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى سۈپەتلىك بولغان ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلدى، بۇ يىل ئىككى دۆلەت يەنە سۇجوۋ سانائەت باغچە رايونى ئېچىلىپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلىدى، كېلەر يىلى يەنە جۇڭگو - سىنگاپور دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى. «خۇشاللىنارلىق ئىشلار» ئۈزۈلمىدى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى خۇاڭ شۈنسەي بىلەن مۇنداق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى: داۋاملىق تۈردە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى ئاچىمىز.
زۇڭلى لاكسون بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن، ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىر ئۇلۇغ دۆلەت. بۇ يىل دەل رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى زېلاندىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ يېڭى زېلاندىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە «بىرىنچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىش» روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، بىرلىكتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، بىر - بىرىگە كەڭ قورساق بولۇش، دىققەتنى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. زۇڭلى لاكسون قىزغىن جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە رايون سودىسىنىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق بولۇشىنى ئورتاق قوغداپ، رايوننىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
كورېيە، ياپونىيە دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان يېقىن قوشنىلار. كۆرۈشۈشتە دىققەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، توغرا تونۇش تۇرغۇزۇشقا مەركەزلەشتى.
رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، زۇڭتۇڭ يىن شىيۆ ئىككى يىل ئىلگىرى ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدىكى كۆرۈشۈشنى ئەسلىدى. خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو - كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۇنجى قېتىم رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، باش ۋەزىر شىپوماۋ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا ئۇنىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىگەنلىكىگە يۈزتۇرا رەھمەت ئېيتتى. ھازىر، جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا، رەئىس شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ياپونىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بىر - بىرىگە قارىتا توغرا تونۇش تۇرغۇزۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە ئومۇملۇق نەزەر دائىرىسى بىلەن ياخشى ئىگىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
نەچچە كۈن ئىلگىرى، چىلى زۇڭتۇڭى بورىچ سانتىياگو خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسىنىڭ جۇڭگو ئاساسلىق مېھمان دۆلەت كۆرگەزمە رايونىدا ئىسپان تىل - يېزىقى نۇسخىسىدىكى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4 - تومىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ قېتىم ئۇ ئالايىتەن كىتابنى يىغىن مەيدانىغا ئېلىپ كېلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنى قىستۇرما بەتكە ئىمزا قويۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.
باڭكوكتىن بېيجىڭغىچە، ئاندىن لىماغىچە، ئىككى يىلدىن بۇيان، زۇڭتۇڭ بورىچ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ قېتىم كۆرۈشتى. ھەر قېتىملىق ئالاقىلىشىش - ئالماشتۇرۇشنىڭ ھەممىسى بىر قېتىم جۇڭگونى «بايقاش» مۇساپىسى بولدى. بۇ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ مەخسۇس چيەنكەي پورتىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ، چىلى تەرەپنىڭ ئوخشاشلا جۇڭگو كارخانىلىرىغا دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا، چىلى باشتىن - ئاخىر لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئالدىدا ماڭدى، بۇ قېتىممۇ ئارقىدا قېلىشنى خالىمىدى.
كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تۈرلۈك ھەمكارلىق نەتىجىلىرى دۇنياغا جۇڭگونىڭ قەدىمىي مەدەنىيلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى گۈللىنىش پۇرسىتى، تەرەققىيات ئۈلگىسى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ تونۇتتى.
ھەر قېتىم قەتئىيلىك بىلەن سىياسەتلەرنى جاكارلاشمۇ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانى «كەلگۈسىدىكى <جۇڭگو> يەنىلا جۇڭگو» ئىكەنلىكىگە تېخىمۇ ئىشەندۈردى.
ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىق چوڭ سەھنىسىدە ياڭرىغان بۇ جۇڭگو سادالىرىنى ئاڭلاپ باقايلى:
«جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە يەرشارىۋى ئىقتىسادقا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشىدۇ»؛
«جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىدۇ»؛
«جۇڭگو يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، داۋاملىق تۈردە يەرشارىۋى يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ»؛
«جۇڭگو تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن دۇنيا بىلەن داۋاملىق تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ»؛
«جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ داۋاملىق جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تېز پويىزىغا ئولتۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادى بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئورتاق گۈللىنىشتىن ئىبارەت دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى قارشى ئالىدۇ»...
بەزى ئالىملار مۇنداق كۆرسەتتى: تارىختىكى «چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈشى»گە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى «مەدەنىي تىپتىكى دۆلەت» سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈش بولدى. شۇنچە كۆپ مەنزىرىنى كۆرگەن، شۇنچە كۆپ بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى 5000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھ، سىغدۇرۇشچان كەڭ قورساقلىق، تىنچ تەرەققىياتقا بولغان تەۋرەنمەس ئېتىقادنى تاۋلاپ چىقتى.
دۇنيا داۋالغۇش ئىچىدە ئىلگىرىلىمەكتە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى يەنە بىر قېتىم تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا. قايسى يولدا مېڭىش كېرەك؟
رەئىس شى جىنپىڭ «مەدەنىيلىك» ئارقىلىق بۇ تېمىنى يەشتى: «پېرۇ نازكا مەدەنىيلىكىدىكى غايەت زور يەر رەسىمىدە، ئىچىدە تۇرغۇچىلار ئېزىپ قالىدۇ، پەقەت ئېگىزدە تۇرغۇچىلارلا ئۇنىڭ تولۇق قىياپىتىنى كۆرەلەيدۇ. جۇڭگودىمۇ <ئەڭ ئېگىز نۇقتىدا تۇرغاندا، لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقمىسىمۇ بولىدۇ> دېگەن شېئىر بار».
قانچىلىك ئۆتمۈشنى كۆرگىلى بولسا، شۇنچىلىك كەلگۈسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ قەتئىي تەلەپپۇزدا مۇنداق دېدى: ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي ئۇزاق دەۋرىيلىكتىن دۇنيا ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئورتاق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)