مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن
«شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» پۈتۈن ئارمىيەگە بېسىپ تارقىتىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ھەربىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتى «شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۈزۈندىلەر» دېيىلدى)نى تۈزۈپ بېسىشقا تەشكىللىدى، يېقىندا پۈتۈن ئارمىيەگە رەسمىي بېسىپ تارقىتىلدى.
«ئۈزۈندىلەر»نىڭ مەزمۇنى يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 11 - ئايدىن 2024 - يىلى 6 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدە قىلغان سۆزى، دوكلاتى قاتارلىق مۇھىم ماقالىلىرىدىن ئېلىنغان، ئون مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ھۆكۈمى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «ئۈزۈندىلەر»نى ئۆگىنىش، قوللىنىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ھەر دەرىجىلىكتىن چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپى بويىچە يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىشنى شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى سىستېمىسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا قويۇپ چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئاساسىي روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە بۇ ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. «ئۈزۈندىلەر»نى ئۆگىنىشنى پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىگە كىرگۈزۈپ، كادىرلارنى نەزەرىيە جەھەتتىن نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش، دىققەتنى «پارتىيەگە قەتئىي ساداقەتمەن بولۇپ سادىقلىقنى تاۋلاش، بىر مەقسەتتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ بۇرچنى زىممىگە ئېلىش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك، بولۇپمۇ يۇقىرى قاتلام پارتىيە كومىتېتلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار باشلامچى بولۇپ قانۇننى ھۆرمەتلەپ، قانۇننى ئۆگىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قانۇننى تەتبىقلاپ، قىسىمغا بولغان تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئورتاق بەرپا قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىشنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىشنى قوغداشقا سەپەرۋەر قىلىپ، پارتىيە كومىتېتى قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەيدىغان، ئورگان قانۇن بويىچە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، قىسىم قانۇن بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىنى قوللىنىپ خىزمەتنى قانات يايدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش شەكلىدە تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياساشقا تۈرتكە بولۇشتا ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە ئارمىيە قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.