«ئۇيقۇسىزلىقتىن قورقمايمەن! ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھەرىكەت قىلىپ تازا چارچىسام ياخشى ئۇخلايمەن.» بۇ خىل قاراش ئىشەنچلىك ئەمەس! ھەرىكەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئادەم تېخىمۇ روھلىنىدۇ.
ھەرىكەت قىلىش ھەقىقەتەن ئۇيقۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەمما، ئۇخلاشتىن بۇرۇن جىددىي ھەرىكەت قىلىش، مەسىلەن، يۈگۈرۈش سىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسىنى قوزغىتىپ، ئادەمنى روھلاندۇرىدۇ، ئەمما ئۇيقۇغا پايدىسىز. ئاسان ئۇيقۇسىزلىنىدىغان، ئۇيقۇسى توسالغۇغا ئۇچرايدىغان كىشىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھەرىكەت قىلىشقا تېخىمۇ ماس كەلمەيدۇ.
ئۇخلاشتىن ئۈچ ~ تۆت سائەت بۇرۇن قاتتىق ھەرىكەت قىلماسلىق، ئامال بار ئۆزىنى ئاسان ھاياجانلاندۇرىدىغان ياكى جىددىيلەشتۈرىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماسلىق لازىم.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى مۇتەخەسسىس: تاڭ شياڭدۇڭ، دۆلەت ساغلاملىق بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىنىڭ ئەزاسى، سىچۇەن داشۆسى خۇاشى دوختۇرخانىسى پىسخىكىلىق گىگېنا مەركىزىنىڭ مۇدىرى
ئىشلىگۈچى ئورۇن: ساغلاملىق گېزىتى . پىتنە - ئىغۋالارنى ئاخىرلاشتۇرۇش پونكىتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى
يەنە بىر بىلىم نۇقتىسىنى كۆپ بىلىۋېلىڭ
____ تۈنىگەندىن كېيىن، قانداق قىلغاندا ئۇيقۇنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ؟
تۈنىگەندىن كېيىن ئۇيقۇنى تولۇقلاشنىڭ بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ، لېكىن چوقۇم ئۇيقۇنى تولۇقلاش ۋاقتىنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. تۈنىگەندىن كېيىن ئۇيقۇنى تولۇقلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئەسلىدىنلا قالايمىقان بولغان بىئولوگىيەلىك سائەت تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل: يېتەرلىك ئۇخلىسىلا بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئىككىنچى كۈنى كەچتىكى نورمال ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك كېرەك.
«قېنىپ ئۇخلاش» دەرىجىسى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەر 8 ~ 6 سائەت ئىچىدە كونترول قىلىنىدۇ. چۈنكى ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن ساپاسى، ئادىتى، ھالىتى، يېشى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇخلاش ۋاقتىغا بولغان ئېھتىياجىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، كونكرېت ئۇيقۇنى قانچىلىك تولۇقلاش ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، بۇنى ئۆزىگە تايىنىپ ھېس قىلىش كېرەك.
ئۇيقۇنى تولۇقلاش ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنىڭ تەسىرىنى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتىدۇ، لېكىن دائىم ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ساغلاملىق خەتىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيقۇسىزلىققا گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە كۈندۈزدە ئۇيقۇنى تولۇقلاش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
مەنبەسى: ساغلام جۇڭگو