مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابونىچىلار تېرمىنالى
ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنى قانداق قىلغاندا بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ؟ روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمىغاچقا، نۇرغۇن ئاغرىق ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغاندا ئاندىن بايقايدۇ. ئاخىرقى باسقۇچتىكى ئاشقازان راكى ئاغرىقلىرىنىڭ ياشاش مەزگىلى ئىنتايىن قىسقا بولىدۇ. نۇرغۇن ئاغرىق كېسەل كۆرسەتكەندە: مەن ھەر يىلى سالامەتلىك تەكشۈرتىمەن، نېمىشقا ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بايقالمايدۇ؟ دېيىشىدۇ. بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى ئاساسىي تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى دەي مېڭخۇانىڭ ئەسكەرتىشىچە، سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە قورساقنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنى ئادەتتىكى يادرو ماگنىتلىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق تەكشۈرتكەندە ئاشقازان ئاستى بېزىدە مەسىلە بار-يوقلۇقىغا دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئۆسمە بەلگە ماددىسى CA19-9نىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگەن ياكى ئۆرلىمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك ئىكەن. ئۆزىنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپىغا تەۋە ياكى ئەمەسلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟ يۇقىرىدىكى سىننى ئېچىپ كۆرۈپ چۈشىنىپ بېقىڭ↑
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى