11-ئاينىڭ 22-كۈنى
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە
نۆۋەتتە
ياشانغانلارغا ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسى بېجىرىش توختىتىلغان،
كىملىك ياشانغانلارغا ئېتىبار بېرىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان
قانۇنلۇق كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامە قىلىنغان
«ئاپتونوم رايوننىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى»نىڭ 23-ماددىسىغا ئاساسەن، 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار كىملىكى ئارقىلىق ئوخشاش ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، يەنى شەھەر ئىچى ئاممىۋى قاتنىشى، مېترو قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ھەقسىز ئولتۇرىدۇ؛ ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە نومۇر ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى يولغا قويۇلغان ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىغا ھەقسىز كىرىدۇ؛ ھەق ئېلىنىدىغان ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنى ھەقسىز ئىشلىتىدۇ؛ قانۇن-نىزام ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بەھرىمەن بولىدىغان باشقا ئېتىبار تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى
جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە قېرىلىشىش مەسىلىسىنىڭ كۈنسېرى گەۋدىلىنىشىگە ئەگىشىپ
ياشانغانلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى
تەدرىجىي ھالدا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى
ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا
ياشانغانلارغا ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسىنى بېجىرىش جەريانى مۇرەككەپ بولۇپ
ياشانغانلارغا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى
بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ
ياشانغانلارنى تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ
65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار كىملىكى
(مەزكۇر شەھەر نوپۇسىدا بولمىغان 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار كىملىكى ۋە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى)نى ئېلىپ
خۇڭسەن ھەممىباب كارتىسى تور نۇقتىسىغا بېرىپ
ياشانغانلار ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش كارتىسى بېجىرسە بولىدۇ
ياشانغانلارغا ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسى ئىشلىتىلمەيدۇ
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
مۇھەررىر: فۇ رۈيشۆ