11-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12-ئوتتۇرا مەكتەپ (ئۈرۈمچى شەھەرلىك چەت ئەل تىلى مەكتىپى)
ھۆكۈمەت ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق مۇنداق كەسكىن جاكارلىدى:
مەكتەپ جەمئىيەت خاراكتېرلىك ھېچقانداق تەربىيەلەش ئاپپاراتى بىلەن
ھەمكارلىشىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمىدى
ئاتا-ئانىلارنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ
بەزى يالغان تەشۋىقات ۋە ساختا ۋەدىلەرگە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكىنى سورايمىز
مەكتەپ مۇنداق جاكارلىدى: يېقىندا مەكتەپ بەزى جەمئىيەت خاراكتېرلىك تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12-ئوتتۇرا مەكتەپ (ئۈرۈمچى شەھەرلىك چەت ئەل تىلى مەكتىپى) بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىمىز بار، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىمىز، دەپ جار سالغانلىقىغا دىققەت قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، مەكتەپ تۆۋەندىكىدەك كەسكىن جاكارلىدى: مەكتەپ جەمئىيەت خاراكتېرلىك ھېچقانداق تەربىيەلەش ئاپپاراتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمىدى، شۇنداقلا جەمئىيەت خاراكتېرلىك ھېچقانداق تاشقى سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ تەشۋىق قىلمايدۇ ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمايدۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ «ئۈرۈمچى چەت ئەل تىلى مەكتىپى 12-ئوتتۇرا مەكتىپى» (乌鲁木齐外国语第十二中学) ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىغا دىققەت قىلىشىنى سورايمىز، ھۆكۈمەت ئۇچۇرى ئاممىۋى سۇپىنى ئۆلچەم قىلىپ ئېلان قىلىنىدۇ.
سۈرەت \ «ئۈرۈمچى چەت ئەل تىلى مەكتىپى 12-ئوتتۇرا مەكتەپ» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى