تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بۇ پۇل يەنە ئۆستى! 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تولۇقلاپ تارقىتىلىدۇ

 يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىنىدا مۇھاكىمە قىلىپ ماقۇللاش ئارقىلىق، 2024-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر-يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە يېزىلاردىكى تارقاق بېقىلىۋاتقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش قارار قىلىنغان.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم ئۆلچەم ئۆستۈرۈلۈپ، شەھەرلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ھەر ئايدا 678 يۈەندىن 712 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن؛ يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ھەر ئايدا 507 يۈەندىن 568 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن؛ يېزىلاردىكى تارقاق بېقىلىۋاتقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئۆلچىمى ھەر ئايدا 690 يۈەندىن 820 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن. بۇ قېتىمقى ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كاپالەت ئۆلچىمىنى ئۇدا 14-قېتىم ئۆستۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ.

  مۇخبىر : لى لىن

مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.