ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى) 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە جايلاشقان يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا، 2024—2025-يىللىق ئۈرۈمچى ناھىيەسى قىشلىق مەدەنىيەت-ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.
ئۈرۈمچى ناھىيەسى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك قار تېيىلىش ساياھەت ئارامگاھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى قار-مۇز ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن «ئەڭ ئىللىق قار تېيىلىش ئارامگاھى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. بۇ يەردە قار مەزگىلى بەش ئايغا سوزۇلىدىغان بولۇپ، قار-مۇز ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ئاجايىپ «توزغاق قار» شادلىق باغچىسى بەرپا قىلىندى. قىشلىق مەدەنىيەت-ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان مەزگىلدە، ئۈرۈمچى ناھىيەسى «قار-مۇز كاتتا مەرىكىسى شادلىقىدىن بەھرىمەن بولۇش» «قار-مۇز مەدەنىيىتى سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىش» «قار-مۇز مۇسابىقە قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» «قار-مۇز لەززىتىدىن بەھرىمەن بولۇش»تىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈردىكى 42 تۈرلۈك پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزگىچە قار-مۇز تەسىراتىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.
11- ئاينىڭ 24- كۈنى، 2024—2025-يىللىق ئۈرۈمچى ناھىيەسى قىشلىق مەدەنىيەت-ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى.
11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ساياھەتچىلەر قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا.
11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ياش-ئۆسمۈر قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئېچىلىش مۇراسىمىدا قار تېيىلىش ماھارىتى كۆرسەتمەكتە.
11-ئاينىڭ 24-كۈنى، 2024—2025-يىللىق ئۈرۈمچى ناھىيەسى قىشلىق مەدەنىيەت-ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى.
11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئاسما ۋاگونغا ئولتۇرۇپ تاغقا چىقىپ قار تېيىلماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).
11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ساياھەتچىلەر قار موتوسىكلىتى بىلەن سەيلە قىلماقتا.
11-ئاينىڭ 24-كۈنى، كىچىك دوستلار ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا قار تېيىلماقتا.
11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئارتىسلار ئورۇنلىغان مىللىيچە ئۇسسۇلنى سۈرەتكە ئالماقتا.
11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئارتىسلار پائالىيەت نەق مەيدانىدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا.
11-ئاينىڭ 24-كۈنى، قار تېيىلىشقا قىزىقىدىغان كىچىك دوستلار قار تېيىلىش مەيدانىدا بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
11-ئاينىڭ 24-كۈنى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە جايلاشقان يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا قار تېيىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.
11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە جايلاشقان يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا قار تېيىلماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى