تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭدا قار گۈللىرى ئېچىلدى | يېڭى قار پەسلى يېتىپ كېلىپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نەنسەندىكى ھەرقايسى قار تېيىلىش مەيدانلىرى تىجارەت باشلىدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يۈ فوتوسى، خەۋىرى) سېرىق قار مەۋسۇمىدىكى بىر قېتىملىق قېلىن قار ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ تىجارەت باشلاپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشىغا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەردى. 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ۋە ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۈيشىگۇ بازىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرىغا بېرىپ، قار تېيىلىش خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى. ئۈرۈمچى ناھىيەسى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا، خەينەنلىك ساياھەتچى، شياۋخۇڭشۇ بىلوگچىسى چېڭ زى مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى قار تېيىلىش يولى نىسبەتەن تولىمۇ كەسپىي ئىكەن، ناھايىتى قىزغىن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى سىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن، بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم».

  11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلماقتا.

  ئىگىلىنىشىچە، يېڭى قار پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسى «قار-مۇز كاتتا مەرىكىسى خۇشاللىقىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولۇش» «قار-مۇز مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىش» «قار-مۇز مۇسابىقىسى قايناق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇش» «قار-مۇز پەسلىدىكى مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىش»تىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈردىكى جەمئىي 42 تۈرلۈك پائالىيەتنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرگە «قار-مۇزدىن ھۇزۇرلىنىش، نەنسەنگە رىشتە باغلاش»تەك ئۆزگىچە جەزبىدارلىقنى ھېس قىلدۇرۇپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن ئازادىلىك ۋە قايناق ھېسسىياتتىن ھۇزۇرلىنىدىغان جاي ھازىرلىغان.

  11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى ناھىيەسى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا قار تېيىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

  11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا، كىچىك قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى تىرېنېرنىڭ يېتەكچىلىكىدە يەككە تاختىدا قار تېيىلىشنى ئۆگەنمەكتە.

  11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا، بىر قار تېيىلىش ھەۋەسكارى يەككە تاختىدا قار تېيىلىش ماھارىتىنى كۆرسەتمەكتە.

  11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى ناھىيەسى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا قار تېيىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەكتە.

  11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا، ئىككى قار تېيىلىش ھەۋەسكارى قار تېيىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.