11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدىكى لوپنۇر كۆلىنىڭ ئىچكىرىسىدە، تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، لوپنۇر تۇز كۆلىدە قىش پەسلىگە خاس «سېلىترا گۈلى» مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى، بۇ «سېلىترا گۈللىرى» قەھرىتان سوغۇقتا ھۈپپىدە ئېچىلغان بولۇپ، بەزىلىرى قارىغاي يىڭنىسىگە، بەزىلىرى مارجانغا ئوخشايتتى، مەرۋايىتتەك پارقىراق ھەم سۈزۈك، قاشتىشىدەك ئاپئاق ئىدى، باش قىشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدا كۆزنى قاماشتۇراتتى، كۆل يۈزى بىلەن بىللە رەڭگارەڭ تەبىئىي يۆگىمە رەسىم ھاسىل قىلغانىدى.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى