«بالىلار چۆچەكلىرى پادىشاھلىقى»دا ئاتا-ئانىلار، بالىلار خۇشاللىقىنى ھېس قىلىش
شارسىمان ئېكرانلىق ئۇچار كىنوخانىدا
شىنجاڭنىڭ كىچىكلىتىلگەن گۈزەل مەنزىرە فىلىمىدىن ھۇزۇرلىنىش
مۈشۈكئېيىق سارىيىدا دۆلەت گۆھىرى مۈشۈكئېيىقنى تاماشا قىلىش
...
يېقىندا
ئۈرۈمچى شەھىرى
سۇ ئۈستى باغچىسى. شادلىق دۇنياسى 2-قارارلىق تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلاندى
مۆلچەرلىنىشىچە، كېلەر يىلى «1-ماي»لىق دەم ئېلىشتىن بۇرۇن
«بالىلار چۆچەكلىرى پادىشاھلىقى» رايونى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن
ئۈرۈمچى شەھىرى سۇ ئۈستى باغچىسى. شادلىق دۇنياسى 2-قارارلىق تۈرىنىڭ ئۈنۈم رەسىمى.
رەسىمنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن
«بالىلار چۆچەكلىرى پادىشاھلىقى بىز ھازىر قۇرۇۋاتقان سۇ ئۈستى باغچىسى . شادلىق دۇنياسى 2-قارارلىق تۈرىنىڭ بىر قىسمى، بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى قىش پەسلىدىمۇ شادلىق باغچىسىدا خۇشال ئوينىيالايدۇ». سۇ ئۈستى باغچىسى . شادلىق دۇنياسىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ زىشەن مۇنداق تونۇشتۇردى: «بالىلار چۆچەكلىرى پادىشاھلىقى»نىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 250 مو بولۇپ، جەمئىي 12 تۈر تەسىس قىلىنغان، باش تېمىلىق سەيلە-ساياھەتنى ئاساس قىلغان ئاتا-ئانىلار، بالىلار ئىستىراھەت شادلىق باغچىسىدا، تۈر ۋە ھېكايە ۋەقەلىكىنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلىدۇ ۋە باش تېمىنى چۆرىدەپ لايىھەلىنىدۇ، تىجارەتكە كىرىشكەندىن كېيىن، ھەر پەسىلدە ئوخشاش بولمىغان باش تېما تەسىس قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت بۆلىكىدە ئوخشاش بولمىغان تەسىراتقا ئىگە قىلىدۇ.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى
«بالىلار چۆچەكلىرى پادىشاھلىقى»نى بەرپا قىلىش جەريانىدا
ئاسان يېرىلىپ كەتمەيدىغان
رەڭگى ئاسان ئۆڭمەيدىغان ھەيكەل سېمونتى ئىشلىتىلىپلا قالماي
يەنە مەركىزىي گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى
كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنىڭ باش تېما لايىھەسىدە
ھەر خىل نەپىس باش تېمىلىق نەقىشلەرنى سىزىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىنىدى
سۇ ئۈستى باغچىسى . شادلىق دۇنياسىنىڭ 2-قارارلىق تۈرى قۇرۇلۇۋاتىدۇ.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ لىنا فوتوسى
ئىگىلىنىشىچە،
سۇ ئۈستى باغچىسى . شادلىق دۇنياسى 2-قارارلىق تۈرىدە
بالىلارچە قىزىقىش باش تېما قىلىنغان «بالىلار چۆچەكلىرى پادىشاھلىقى» بەرپا قىلىنغاندىن باشقا
يەنە خەتەرلىك تۇيغۇ بېرىدىغان، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۆڭۈل ئېچىش رايونى بەرپا قىلىنىدىكەن
بۇ كۆڭۈل ئېچىش رايونىدا جۇڭگو ئەجدىھاسى باش تېما قىلىنغان
100 مېتىرلىق غالتەكلىك سىيرىلغۇچ
ئېگىزلىكى 65 مېتىر كېلىدىغان تيەندى شۇاڭشيۇڭ قوش مۇنارلىق بىنادىن سەكرەش ماشىنىسى
سۇدا ئوينىغىلى بولىدىغان جىلغىدا ئېقىش تۈرى
ياشانغانلار، ياشلارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان چايقىلىش، ئۇچار ئورۇندۇق قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلىدىكەن
جۇڭگو كىنو پاي چەكلىك شىركىتى
ھەقىقىي مەنزىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كىچىكلىتىپ نامايان قىلىدىكەن
«گۈزەل شىنجاڭ» شارسىمان ئېكرانلىق ئۇچار كىنوخانىسى
مۈشۈكئېيىق سارىيى ۋە ھەشەمەت لاگېر قاتارلىقلار بەرپا قىلىنىدىكەن
بۇ رايوندا پىلان بويىچە كېلەر يىلى 7-ئايدا تىجارەت باشلىنىدىكەن
11-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سۇ ئۈستى باغچىسى . شادلىق دۇنياسىنىڭ 2-قارارلىق تۈرى ئېلىپ بېرىلماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي فوتوسى
«دەسلەپكى پىلان بويىچە، كېلەر يىلى مۈشۈكئېيىق سارىيىغا چوڭ مۈشۈكئېيىق، قىزىل قاشقىلىق تۇرنا، سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇ، سېرىپىتېكۇس مايمۇنى، قىزىل مايمۇن، گانا ئۇزۇن قۇيرۇق مايمۇنى، ئاق بۇرۇن ئۇزۇن قۇيرۇق مايمۇن، قىزىل يۈز ئۆمۈچۈك مايمۇن، قارا ئۆمۈچۈك مايمۇن قاتارلىق ئەتىۋارلىق ھايۋاناتلار كىرگۈزۈلۈپ، باغچە رايونىدىكى ئەتىۋالىق ھايۋاناتلارنىڭ تۈرى، توپى يەنىمۇ كۆپەيتىلىدۇ.» ۋۇ زىشەن مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە يېڭىدىن ئۈچ زىراپە كىرگۈزۈلىدۇ، كېلەر يىلى باغچە رايونىدىكى زىراپە بەشكە يېتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا
3-قارارلىق تۈرگىمۇ يەنە پائال تەييارلىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ
سەنبالىن بەرپا قىلىش پىلانلانغان
VR ئەقلىي ئىقتىدارلىق، پەن-تېخنىكىنى ھېس قىلىش سارىيى
لازېر نۇر-سۇ كۆرگەزمىسى، خاس مەدەنىيەت ئويۇنى
يېمەك-ئىچمەك كوچا رايونى، خاس باش تېمىلىق مېھمانساراي قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن
ئىستىراھەت رايونى قۇرۇش پىلانلانغان
سۇ ئۈستى باغچىسى . شادلىق دۇنياسى سۇ ئۈستى باغچىسىنىڭ ئارقا باغچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 600 مودىن ئاشىدۇ، چوڭ تىپتىكى كۆڭۈل ئېچىش پادىشاھلىقى، ئوماقلار باغچىسى، زېرەكچاقلار قەبىلىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ باش تېما رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ساياھەت، دەم ئېلىش، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش، تاماشا قىلىش، «يېمەك-ئىچمەك»، «سېتىۋېلىش»، «ئويناش»، «ساياھەت قىلىش» بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال شادلىق باغچىسىدۇر. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، سۇ ئۈستى باغچىسى . شادلىق دۇنياسىغا كىرگەنلەر 800 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.
مەنبە: ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى