يېقىندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى 22-تۇەنى ئەتراپىدىكى خۇاڭشۈيچۈ سۇلۇق يېرىدىكى كەڭ ساھىلدا، توپ-توپ ئاق قوتانلار خۇددى سالاپەتلىك زېرەكچاقلارغا ئوخشاش ئوزۇق ئىزدەپ، بىر-بىرى بىلەن ئوينىشىپ، لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى. ھەر يىلى كۈزنىڭ ئاخىرى، قىشنىڭ باشلىرىدا، كۆچۈۋاتقان زور بىر تۈركۈم ئاق قوتان خۇددى بىر مەيدان كاتتا ئۇچرىشىشقا كەلگەندەك، تەرەپ-تەرەپتىن بۇ يەرگە كېلىپ ئارام ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ سالاپەتلىك قىياپىتى سۇلۇق يەرنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، گۈزەل ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلىدۇ.
جياۋ دۇڭدۇڭ فوتوسى
«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى