تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

18 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى ھەم 2024 - يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى باشلاندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 18 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى» دېيىلدى) ھەم 2024 - يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى.

بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى ھەم 2024 - يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمىدا «قار - مۇز يىپەك يولى. بىزنىڭ شىنجاڭ» باش تېما قىلىنىپ، قار - مۇز ساياھىتى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، قىشلىق ئىستېمال ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، ساياھەت بىلەن تەنتەربىيە، تەمىنلەش بىلەن ئىستېمال، بايرام تەنتەنىسى بىلەن مۇسابىقە، پەن - تېخنىكا بىلەن جابدۇقتىن ئىبارەت كۆپ تەرەپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇنىدۇ. قازاقىستان، مالايسىيا قاتارلىق ئون دۆلەتتىن كەلگەن كۆرگەزمە سودىگەرلىرى ھەمدە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى 400دىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

17 - نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولىدىغان، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز بايلىقى ۋە قار - مۇز مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى. شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى يېڭىلىق يارىتىپ بارلىققا كەلتۈرۈلگەن قار - مۇز نۇقتىلىقIPسى. بۇ يىللىق ئىللىق قار بايرىمىنىڭ يادرولۇق مۇسابىقىسى «FWT دۇنيا تەبىئىي قار سەييارە مۇسابىقىسى» جىكپۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى كۇلۇبلاردىن كەلگەن 150تىن ئارتۇق ماھىر مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە، 18 تۈرلۈك ئاساسلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەت ۋە 222 تۈرلۈك قار - مۇز ساياھىتى، قار - مۇز مۇسابىقە پائالىيىتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قانات يايدۇرۇلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى ئەلا سۈپەتلىك قار - مۇز بايلىقىغا قويۇپ، قار - مۇز مەھسۇلاتلىرى كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، قار - مۇز ساياھىتى داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، قار - مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكىنىڭ قار - مۇز ئىقتىسادى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا قار - مۇز ساياھىتى مەنزىلگاھى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى. «قىش پەسلىدە شىنجاڭغا كېلىپ قار تېيىلىش» قىزغىنلىقى سىجىل ئېشىپ، قار - مۇز ساياھىتى داڭلىق ماركىسىنىڭ ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ جيەنشىن، مەمتىمىن قادىر، سۈن خۇڭمېي، باتۇ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.