ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى
قار - مۇز ساياھەتچىلىكىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى موتورىنى بەرپا قىلىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى، يىغىندا گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ «قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»ى (تۆۋەندە قىسقارتىپ «پىكىر» دېيىلدى) چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىشلىق ساياھەت تەرەققىيات ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار قارالمىلار قاراپ چىقىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىشلىق ساياھەت ۋە قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مۇھاكىمە قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىدە زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن كەمتۈكلۈكلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەر يەنىلا گەۋدىلىك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، قار - مۇز ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ساياھىتى، ھەتتا ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتور قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، قىشلىق ساياھەتچىلىكنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ «پىكىر»ىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالتاي ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قىشلىق قار - مۇز ساياھەت سەرخىل لىنىيەسىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ قەشقەر ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خەلق ئۆرپ - ئادەت ساياھەت لىنىيەسىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ شەرقىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چۆللۈك، قۇملۇق قاتارلىق خاس بايلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى، ئالاھىدە ساياھەت لىنىيەسى مەھسۇلاتلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ «تۆت پەسىلدە ساياھەت قىلغىلى بولىدىغان» كەسىپكە ئۆزگىرىشىگە تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ساياھەت قاتناش مۇلازىمىتىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئايرودۇرۇم، ۋوگزال قاتارلىقلاردىن قار تېيىلىش مەيدانلىرىغا قاتنايدىغان يولۇچى توشۇش مەخسۇس لىنىيەسىنى ئېچىپ، نۇقتىلىق شەھەرلەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى نۆۋەتچى ئايروپىلانى ۋە قار - مۇز ساياھىتى ھۆددە نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى كۆپەيتىش كېرەك. قار تېيىلىش مەيدانلىرىنى پىلانلاشنى كۈچەيتىشكە مەدەت بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، تۈرلۈك فۇنكسىيەلىك رايونلارنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى ساياھەت تۈرى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. قار - مۇز ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، «يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىش كېرەك. كۆكتوقاي، نارات، سايرام كۆلى، تىيانشان بوغدا كۆلى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى تايانچ قىلىپ، «5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى + قار تېيىلىش مەيدانى» تىجارەت ئەندىزىسىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دۇنيا دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەشىق بازىسى ۋە مۇسابىقە مەركىزى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەۋزەل بايلىقىغا تايىنىپ، «قار - مۇز + خەلق ئۆرپ - ئادىتى» «قار - مۇز + كۈتۈنۈش» «قار - مۇز + ئارشاڭ» «قار - مۇز + پەن - تېخنىكا» قاتارلىق ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ساياھەت كەسپىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە ياخشى ئوبراز يارىتىش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، چوڭ - چوڭ قىشلىق مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىنى پائال پىلانلاپ ۋە ئۆتكۈزۈپ، بازارنىڭ قىزغىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ ئالاقىدار كەسىپلەرنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىشىنى قوللاپ، بىر تۈركۈم كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتلەر قىشلىق ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ھەمكارلىشىپ ماسلىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك. ناچار ھاۋارايى، تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى كۈچەيتىپ، سۇ، توك، گاز، خەۋەرلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، سۈن خۇڭمېي، ۋاڭ گاڭ، جۇ لىفەن، جىن جىجېن يىغىنغا قاتناشتى.