تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈندە بىر رەددىيە | ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ۋىتامىن كەملىكتىن بولىدۇ؟

   ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ۋىتامىن كەملىكتىن بولامدۇ؟

   ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ بەدەندە ۋىتامىن كەمچىل بولۇش بىلەن چوقۇم مۇناسىۋەتلىك ياكى مۇناسىۋەتلىك ئەمەسلىكى توغرىسىدا ھازىرچە ئېنىق يەكۈن يوق.

   ئېغىز بوشلۇقى يارىسى __ ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى يارىسى خاراكتېرلىك كېسەللىكنىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى بولۇپ، ئاساسلىقى قايتا قوزغىلىشچان ئافتا يارىسى، بېسسېت كېسىلى ۋە جاراھەت خاراكتېرلىك يارا، رادىيوئاكتىپ ئېغىز شىللىق پەردىسى ياللۇغى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   ئادەتتە ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى جەمەت ئىرسىيەت ئامىلى، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىنكاسى، مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى، روھىي پىسخىكا، ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ۋە كېسەللىك قوزغىلىش مېخانىزمى تېخى ئېنىق ئەمەس، ھەر بىرەيلەننىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئوخشاش بولۇشى ناتايىن، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى چوقۇم بەدەندە ۋىتامىن كەمچىل بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئادەتتە ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى بىرلا خىل ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، شۇڭا ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بەدەندە ۋىتامىن كەمچىل ئىكەنلىكىگە باراۋەر ئەمەس، كۆپچىلىكنىڭ قارىغۇلارچە ۋىتامىن تولۇقلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى داۋالىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى مۇتەخەسسىس: سى يەن، بېيجىڭ داشۆسى ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.