ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ چېڭكەي خەۋەر قىلىدۇ) تېمپېراتۇرىنىڭ سىجىل تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، قىش پەسلىدىكى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشمۇ ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى. تارىم نېفىتلىكى تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش ئىقتىدارىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورىنىڭ گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدىكى 50 مىليون كۇب مېتىردىن بارغانسېرى ئاشۇرۇپ، ھازىرقى 63 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكۈزدى. كەلگۈسى بىرنەچچە ئايدا، ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تۆۋەن ئېقىندىكى رايونلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارى يەنىمۇ ئاشۇرۇلىدىكەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى