تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ئىچىدىن شىئەنگە قاتنايدىغان ئىككى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى يېڭىدىن ئارال-قومۇل-شىئەن، تۇمشۇق-قومۇل-شىئەن ئىككى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى.

   يېڭىدىن ئېچىلغان ئارال-قومۇل-شىئەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر ھەپتىدە تۆت نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناش ۋاقتى دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە بولىدۇ. بېرىش مۇساپىسىدە GS7649 نۆۋەتچى ئايروپىلانى سائەت 8دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە شىئەندىن ئۇچۇپ، قومۇلدا توختىغاندىن كېيىن سائەت 14تىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئارالغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدە GS7650 ​نۆۋەتچى ئايروپىلانى سائەت 11دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە ئارالدىن ئۇچۇپ، قومۇلدا توختىغاندىن كېيىن سائەت 16دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە شىئەنگە يېتىپ بارىدۇ. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ئارال، قومۇل ۋە شىئەننى بىر-بىرىگە زىچ باغلاپ، ئۈچ جاي ئارىسىدىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا قولايلىق بوشلۇق كۆۋرۈكى ھازىرلاپ بېرىدۇ.

تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى نۆۋەتچى ئايروپىلانى. ياۋ تيەنلى فوتوسى

   تۇمشۇق-قومۇل-شىئەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلان سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى قاتنايدۇ. بېرىش مۇساپىسىدە GS7697 نۆۋەتچى ئايروپىلانى سائەت 6دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە شىئەندىن ئۇچۇپ، قومۇلدا توختىغاندىن كېيىن سائەت 12دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە تۇمشۇققا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدە GS7698 نۆۋەتچى ئايروپىلانى سائەت 11دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە تۇمشۇقتىن ئۇچۇپ، قومۇلدا توختىغاندىن كېيىن سائەت 16دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە شىئەنگە يېتىپ بارىدۇ، تۇمشۇق، قومۇل بىلەن شىئەن ئارىسىدىكى ساياھەت، سودا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

   بۇنىڭغا نۆۋەتتە قاتناۋاتقان ئۈرۈمچى-قومۇل-شىئەن، چۆچەك-شىئەن، كورلا-شىئەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى قوشقاندا، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ جەمئىي بەش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە شەھەرلىرىدىن شىئەنگە ئۇچۇپ بېرىپ، كەڭ يولۇچىلارنى شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىشتىكى ئۈرۈمچىدىن باشقا ئۆتەڭ بېكەت تاللىشى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.