تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھىرىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ساۋەنگە يېتىپ كەلدى

ساۋەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

11-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھىرىنىڭ 5-تۈركۈمدىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك  نۆۋەت ئالمىشىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ساۋەن شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، بىر يېرىم يىللىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ساۋەن شەھىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بۇ قېتىم لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھىرى ھەرقايسى ساھەلەردىكى تايانچلاردىن 14 نەپەر ئوتتۇرا مەزگىللىك نۆۋەت ئالمىشىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىق خادىمى (بۇنىڭ ئىچىدە بەش كىشى داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەيدۇ)نى تاللاپ ئەۋەتكەن بولۇپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ۋە ئاخبارات تاراتقۇلىرى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئۇلار ئۆزىنىڭ كەسپىي بىلىمى ۋە مول تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىپ، «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يەنە ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىشقا كۈچ قوشىدىكەن.

(ساۋەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى ما جىنمىڭ، پېي شياۋخۇا)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.