ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شى شىن خەۋەر قىلىدۇ) 11-ئاينىىڭ 19-كۈنى سەھەردە، بىر B747—200F تىپلىق پۈتۈن يۈك ئايروپىلانى ئاۋمېن خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدىكى ئالماكتۇم خەلقئارا ئايروپورتىغا قاراپ ئۇچتى، بۇ، «تىيانشان ناملىق» ئاۋمېن — ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇبەي خەلقئارا پۈتۈن يۈك ئايروپىلانى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، «تىيانشان ناملىق» خەلقئارا پۈتۈن يۈك ئايروپىلانى ئۇچۇش لىنىيەسىدە ئۇچۇش باشلىنىپ 11-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، جەمئىي 171 ئايروپىلان قېتىم ئۇچۇش ئىجرا قىلىنىپ، گىرۇزىيە، ۋېنگىرىيە، ئەنگلىيە، ئەزەربەيجان، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەرگە قارىتىلغان تور ئورۇنلاشتۇرۇشى تاماملانغان. شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھى ئاۋىياتسىيە شىركىتى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا رايونلىرىدىكى ئاچقۇچلۇق تۈگۈنلەرنى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بىلەن قاپلاشنى يەنىمۇ زىچلاشتۇرۇپ، «تىيانشان ناملىق» كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت كۇرسلۇق ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى تورىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى