تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى | سەنيا شەھىرى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن بەش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇردى

 مەنبە: ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    11-ئاينىڭ 21-كۈنى، خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھىرىنىڭ شىنجاڭ سارىيىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋېلىشقا مەسئۇل بولغان شۇ جايدا تۇرۇشلۇق مەسئۇل خادىم، سەنيا شەھەرلىك سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دۇەن دېيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئوڭۇشلۇق قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگۈچى تەرەپ 20 نەچچە كىشىدىن تەركىپ تاپقان خىزمەت مەخسۇس گۇرۇپپىسى قۇردى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن قاتناش، ماددىي ئەشيا ۋە داۋالاش-قۇتقۇزۇش، تاماق، ياتاق قاتارلىق مۇلازىمەت-كاپالەت خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەيدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.