ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ) نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرى ئومۇميۈزلۈك پىششىقلاشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىردى، پاختا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، توشۇش ۋە ساقلاش جەريانىدىكى بىخەتەرلىك، مۇقىملىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش باش ئەترىتى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى پاختا كارخانىلىرىنى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، پاختىغا چېتىشلىق كارخانىلارنىڭ ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.
بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش توردا ۋە تور سىرتىدا ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە قانات يايدۇرۇلدى، ئوت مۇداپىئە نازارەتچىلىرى ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى پاختىچىلىققا مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارغا بېرىپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش، مانېۋىر ئۆتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. پائالىيەت پاختىچىلىققا مۇناسىۋەتلىك 900دىن ئارتۇق كارخانىنى قاپلىدى، پاختىچىلىققا مۇناسىۋەتلىك 5000دىن ئارتۇق كارخانا مەسئۇلى، بىخەتەرلىك باشقۇرغۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بىلىملىرى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدى.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتىنىڭ ئوت مۇداپىئە نازارەتچىلىرى ۋە پاختىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇلى تورداشلارغا پاختىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى چۈشەندۈرمەكتە. سۈرەتنى شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش باش ئەترىتى تەمىنلىگەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى