ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى رېتسېپلارنىڭ يۆتكىلىشىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساختا رېتسېپ ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىپ سۇغۇرتىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، كەڭ سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 11- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە «داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى دورىلارغا سىرتتىن دورا سېتىۋالىدىغان رېتسېپ چىقىرىپ بېرىشنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىندى.
سىرتتىن دورا سېتىۋالىدىغان رېتسېپلارنىڭ يۆتكىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە، «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى بىر تۇتاش غەملىنىدىغان رايونلار «دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئۇچۇر سۇپىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق رېتسېپ مەركىزىگە بەلگىلەنگەن داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئاپپاراتىنى ئۇلاش ئۆلچىمى»گە ئاساسەن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرگۈچى ئاپپاراتلارنى، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى، بەلگىلەنگەن پارچە سېتىش دورا دۇكانلىرىنى ئۇچۇر سىستېمىسىغا ئۇلاشنى تېزدىن تاماملاپ، ئېلېكتىرونلۇق رېتسېپنىڭ راۋان يۆتكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئامبۇلاتورىيەدىكى چىقىمى بىر تۇتاش غەملىمە فوندتىن ئاتچوت قىلىنىدىغان دورىلار، سوزۇلما كېسەل دورىلىرى، «قوش يول» بويىچە باشقۇرۇلىدىغان دورىلار بىلەن تەمىنلەيدىغان بەلگىلەنگەن پارچە سېتىش دورا دۇكانلىرى ئېلېكتىرونلۇق رېتسېپ مەركىزى ئارقىلىق يۆتكەپ بېرىلگەن سىرتتىن دورا سېتىۋالىدىغان رېتسېپنى قوبۇل قىلىدۇ، قەغەز رېتسېپنى قوبۇل قىلمايدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئومۇملاشتۇرۇلدى