تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سايرام كۆلى قار-مۇز بايرىمى باشلاندى! ئىشىك بېلىتىدە يېرىم باھا، ياتاقتا يېتىشتا %80لىك ئېتىبار بېرىلىدۇ!

   11-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىرنىڭ بورتالا ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 2025-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، سايرام كۆلىدە 2024-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان 8-نۆۋەتلىك «سايرام كۆلىدە ئۇچرىتىش . كۆك مۇزلۇقتا ئۇچرىشىش» قار-مۇز ساياھەت پەسلى كاتتا پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 

   ئىگىلىنىشىچە، پائالىيەت مەزگىلىدە خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلىدىكەن: 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 2025-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، ئىشىك بېلىتىدە يېرىم باھادا ئېتبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدىكەن؛ ياتاقتا يېتىشتا %80لىك ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدىكەن؛ باھار بايرىمى مەزگىلىدە (2025-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە) كىچىك ئەجدىھا (يىلان) يىللىق ئالاھىدە خاتىرە نۇسخىدىكى ئىشىك بېلىتىنى چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە سېتىش پائالىيىتى يولغا قويۇلىدىكەن. 

(بورتالا ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى جاڭ شىنيەن)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.