مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىپ، سىياسەت ئۈنۈمى تېز نامايان بولغان. 11-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە، بۇ يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىش مىقدارى 4 مىليوندىن ئاشقان.
سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 24كىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش ۋە ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاش ياردەم پۇلى ئىلتىماسى بىردەك 2 مىليون پارچىدىن ئاشقان، ئىككىسىنى قوشقاندا 4 مىليوندىن ئاشقان.
كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشقان. 10-ئايدا، كىچىك ئاپتوموبىلنىڭ پارچە سېتىلىش مىقدارى 2 مىليون 261 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 9-ئايدىكىدىن 6.8 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك كىچىك ئاپتوموبىلنىڭ پارچە سېتىلىش مىقدارى 1 مىليون 196 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56.7 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى 9-ئايدىكىدىن 5.8 پىرسەنت پوئېنت تېز بولۇپ، كىچىك ئاپتوموبىلنىڭ پارچە سېتىلىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %52.9كە يەتكەن. 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، كىچىك ئاپتوموبىلنىڭ پارچە سېتىلىش مىقدارى 17 مىليون 835 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك كىچىك ئاپتوموبىلنىڭ پارچە سېتىلىش مىقدارى 8 مىليون 327 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.8 ئاشقان.
«تىيانشان تورى»دىن ئومۇملاشتۇرۇلدى