تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 25 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ  ئالتايدا يەنە بىر قېتىم قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىغان ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

   ئالتايدا يەنە بىر قېتىم قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىغان ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، 11-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 12دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندىن سائەت 12دىن 45 مىنۇت ئۆتكىچە، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى نۇرغۇن ناھىيە، شەھەرلەر ئارقا-ئارقىدىن مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتلەر توغرىسىدا سىگنال ۋە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى.

جۇڭگو ھاۋارايى تورى كەسمە سۈرىتى.

   11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئالتاي ۋىلايەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەتىگەندىن كېچىگىچە، ئالتاي ۋىلايىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئازراق قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال قار ياغىدىكەن؛ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 11-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچقۇرۇنغىچە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ دەريا ۋادىسى، تۈزلەڭلىكنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئالتە بالدىن يەتتە بالغىچە قىيپاش غەرب شامىلى چىقىدىكەن، چۆل ۋە شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى سەككىز بالغا يېتىدىكەن؛ مۆلچەرلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا يەتتە سېلسىيە گىرادۇستىن توققۇز سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋە 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەتىگەندە، دەريا ۋادىسىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلاردا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن سەككىز سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 11 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن، تاغ بويلىرىدىكى بىرىنچى لىنىيەدە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 12 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 16 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، تاغلىق رايونلاردا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 25 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن. 

 مەملىكەت بويىچە ھۆل - يېغىن مىقدارىدىن 24 سائەت ئالدىن مەلۇمات بېرىش خەرىتىسى. مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى

   بۇ قېتىمقى قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش جەريانىدا، قار يېغىپ كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ، قار ـ مۇزلۇق يول يۈزى شەكىللىنىپ، قاتناش ـ ترانسپورت ۋە ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدىكەن؛ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 11-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچقۇرۇنغىچە بولغان بورانلىق ھاۋارايى چارۋىلارنى كۆچۈرۈشكە پايدىسىز ئىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.