مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 20-كۈنى يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ بېلىقچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئۇدا 35 يىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى دۆلىتىمىز سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 71 مىليون 160 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئۇدا 35 يىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان. مەھسۇلات مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرىنى «بېقىشنى ئاساس قىلىش»تا چىڭ تۇرغانلىقىدىن بولغان. چوڭقۇر دېڭىز، زاۋۇتلاشتۇرۇش، قۇرۇقلۇق ئۇلى ئايلانما سۇ باقمىچىلىقى، بېلىق، كۆكتاتنى بىللە بېقىش ۋە ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئەسلىھەلىك بېلىقچىلىقنىڭ تەرەققىياتى تېز بولغان.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى