ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، قاراقاش ناھىيەسى «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش»تىن ئىبارەت خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياردەم پۇلى ئىستېمال پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىستېمالچىلارنى ھەقىقىي ئېتىباردىن بەھرىمەن قىلىپلا قالماي، يەنە سودىگەرلەرنىڭ سېتىش نەتىجىسىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمال بازىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.
ئىگىلىنىشىچە، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ 2024-يىللىق «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» بويىچە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياردەم پۇلى ئىستېمال پائالىيىتى 11-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن، پائالىيەتنىڭ سىجىل ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئىستېمال بازىرى يېڭى بىر دولقۇننى كۈتۈۋالىدىكەن.
(قاراقاش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى خانقىز مۇتەللىپ، ئابدۇمىجىت مەمەتئىمىن)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى