«كۈچلۈك» بولۇشقا يۈزلىنىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، «يېڭىلىق يارىتىش»قا يۈزلىنىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش
شىنجاڭ پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇش يول خەرىتىسىنى بېكىتتى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن
«يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش» «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش»...
11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پەن - تېخنىكا كومىتېتى قۇرۇلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئېچىلغان پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى بولۇپ ھەم شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى، تېخىمۇ مۇھىمى 2035 - يىلى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانى چىڭ كۆزلىنىپ، «كۈچلۈك» بولۇشقا يۈزلىنىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، «يېڭىلىق يارىتىش»قا يۈزلىنىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇش يولىدا قانداق مېڭىش پىلانلاندى.
يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، پەن - تېخنىكا زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇقەررەر يول.
ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان «جۇڭگونىڭ رايون يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى باھالاش دوكلاتى 2024»تە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ رايون يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۇنىۋېرسال رەت تەرتىپتە 2023 - يىلىدىكى 30 - ئورۇندىن 27 - ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، دوكلاتتا «شىنجاڭ غەربىي قىسىمنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تىپ ئۆزگەرتىشىدىكى تىپ بولۇپ قالدى» دەپ باھا بېرىلگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك تۈرلەرنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا پۈتۈن گەۋدە خاراكتېرلىك، ئەندىزە خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.
شىنجاڭنىڭ يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىدا زور بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى ماكانلىشىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، دۆلەت شامال كۈچى بىلەن توك چىقىرىش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى، ئاقسۇ ئارال دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، قاراماي دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇلدى، شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق تەتقىقات ئورنى قاتارلىق بىر تۈركۈم «كەسىپ + ئىختىساسلىقلار» سۇپىسى قۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا ئۈنۈملۈك تىرەك بولدى.
پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كەسىپ تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇشتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىم نېفىتلىكى 10 مىڭ مېتىرلىق ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇق بۇرغىلاشتا ئاسىيا رېكورتىنى يېڭىلىدى، قۇياش ئېنېرگىيەسى كەسىپ تېخنىكىسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى، ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن شامال سۈرئىتىلىك شامال گېنېراتورى تېخنىكىسى خەلقئارادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى... پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان يېتەكچىلىك رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.
پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى چوڭقۇر بولۇپ، پۇختا بولۇپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) − ئوتتۇرا ئاسىيا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق مۇنبىرى، 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا بىرىكمە ماتېرىيال پەن - تېخنىكىسى يىغىنى قاتارلىقلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، پەن - تېخنىكىدا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش «دوستلار چەمبىرىكى» ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى.
يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، شىنجاڭنىڭ 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىلىپ، «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانى يولغا قويۇلۇپ، پەن - تېخنىكا «ياشانغان ئىختىساسلىقلار» پىلانى يولغا قويۇلۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار جەلپ قىلىنىپ، ھەر مىللەت پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى يېتىشتۈرۈلدى.
بۇ نەتىجىلەر شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، گەرچە ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايون بولسىمۇ، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور.
ئاقسۇ ۋىلايىتىنى مىسالغا ئالساق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەسىپ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئەۋزەل بايلىق ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى، جىغان ئەلا سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ھەم كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، كۇچا - باي كان رايونىدىكى كۆمۈر تۈۋرۈكى يوق خاڭ يولىنى بويلاپ رايونلارغا ئايرىپ كونترول قىلىش قاتارلىق بەش تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى سودىسىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يېقىنقى ئىككى يىلدا كۆمۈرنى ئاساس قىلغان ئاكتىپلاشتۇرۇلغان كاربوننى تەتقىق قىلىپ ياساش قاتارلىق 200دىن ئارتۇق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تاماملىدى، سوممىسى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، بۇ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈش
شىنجاڭ مول ئېنېرگىيە بايلىقىغا ئىگە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىش كېرەك.
11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، تىيانشان تەجرىبىخانىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى. تىيانشان تەجرىبىخانىسى مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقى ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، شىنجاڭ كۆمۈر سانائىتى تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن مۇھىم پەن - تېخنىكا مەسىلىلىرىگە قارىتا، كۆمۈرنى بىخەتەر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قېزىش، كۆمۈرنى پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پىششىقلاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنى گېئولوگىيەلىك پېچەتلەپ ساقلاشنى ماسلاشتۇرۇپ شورلۇق سۇدا ئېچىش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ تەتقىقاتنى قانات يايدۇردى.
شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقى مول. تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا مۆلچەرلەنگەن كۆمۈر بايلىقى مىقدارى 2 تىرىليون 190 مىليارد توننا بولۇپ، مۆلچەرلەنگەن زاپاس مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەخمىنەن %40ىنى ئىگىلەيدىكەن. بىراق شىنجاڭدا كۆمۈر ئېچىش ۋە كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھەم ئۇنى ئايلاندۇرۇش جەھەتتە يەنىلا زور بوشلۇق بار. تىيانشان تەجرىبىخانىسى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن.
نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، يېڭى ئېنېرگىيە، ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر كەڭ پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭدا يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى، پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى يولغا قويۇشىنى مول مەيدان ۋە سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زور بىر تۈركۈم ئاكادېمىكلار شىنجاڭغا كېلىپ، چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا تۈرلىرىگە باشلامچىلىق قىلىپ، يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى تەشكىللەپ قۇردى. ئۇلارنىڭ شىنجاڭنى تاللىشىدىكى سەۋەب، بىر تەرەپتىن، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە، يەنە بىر تەرەپتىن، شىنجاڭنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىگە ئىگە بولغانلىقىدىن بولغان.
مەسىلەن، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى خەن دېمىن باشلامچىلىق قىلىپ قۇرغان شىنجاڭ خەلقئارا داۋالاش مەركىزى (شىنجاڭ خەلقئارا دوختۇرخانىسى) ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاش مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ مەركەز دۆلەت ئىچىدىكى ئاكادېمىكلار كوللېكتىپى ۋە شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ داۋالاش بايلىقىغا تايىنىپ، شىنجاڭنى مەۋقە قىلغان، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە يۈزلەنگەن خەلقئارالاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يېڭى تىپتىكى داۋالاش ئاپپاراتىنى بەرپا قىلىپ، ئامما تېببىي دورا ساغلاملىق مۇلازىمىتىنىڭ «شىنجاڭ ئەندىزىسى» ئۈستىدە ئىزدىنىشنى مەقسەت قىلغان، بۇ خىل ئەندىزىدە ئەنئەنىۋى كېسەللىكلەرنى داۋالاش مەركەز قىلىنماستىن بەلكى ساغلاملىق باشقۇرۇشنى مەركەز قىلىش تەكىتلەنگەن.
ئاكادېمىكلارغا ھەم كوللېكتىپنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ، يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى قۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، بىر تۈركۈم يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قۇۋۋىتىنى جانلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.
رايون يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىش
پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقە يولىدا ئىلگىرىلىمىسەك چېكىنىمىز، ئاستا ئىلگىرىلىسەكمۇ چېكىنىمىز.
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا 2035 - يىلىغا بارغاندا پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 2035 - يىلى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلغاندا، شىنجاڭ پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى قانداق تېزلىتىش كېرەك؟ بۇ قېتىمقى يىغىندا پىكىر يولى ۋە يۆنىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يېڭىلىق يارىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قوللايدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى يولىنى تېپىپ چىقىش، بۇنىڭدا كونكرېت تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتە نۇقتىلىق كۈچەش كېرەك:
− يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى ۋە بايلىقىنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، «ئىككى رايون»نى يادرولۇق يۈكلىمە رايون قىلغان، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش تورىنى كېڭەيتىش دائىرىسى قىلغان تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
− پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق ۋە يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىشى، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.
− پەن - تېخنىكا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا باھالاش سىستېمىسى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ خىللاشقان پەن - تېخنىكا سېلىنما سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك.
− يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكا بويىچە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىپ، تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى مېخانىزمىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ كەڭ ساھە، چوڭقۇر قاتلامغا كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت پىلانىغا پائال قاتنىشىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەن - تېخنىكىدا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
− مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرى تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تۈرلىرى، ئەمەلىي قوللىنىشچان تىپتىكى داشۆ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس ئىختىساسلىقلار، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك.