تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى

ئىككى نەپەر ئالىم ھەم 118 تۈرلۈك پەن - تېخنىكا نەتىجىسى تەقدىرلەندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، 2023 - يىللىق پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر تەقدىرلەندى، ئىككى نەپەر ئالىم شەرەپ بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى بويىچە ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 118 تۈرلۈك نەتىجە شەرەپ بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بىڭتۇەننىڭ 47 تۈرلۈك پەن - تېخنىكا نەتىجىسى شەرەپ بىلەن بىڭتۇەننىڭ 2023 - يىللىق پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شۆبە شىركىتىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى، پىروفېسسور دەرىجىلىك ئالىي ئىنژېنېر تاڭ يۇڭ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى پەن شىليې شەرەپ بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى بويىچە ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۈچ چوڭ مۇكاپات بويىچە جەمئىي 118 تۈر باھالاپ چىقىلدى، بۇ، تەبىئىي پەنلەر مۇكاپاتىدىن 12 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 6 تۈر 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 4 تۈر 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 2 تۈر 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتى 4 تۈر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2 تۈر 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 2 تۈر 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى 102 تۈر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 33 تۈر 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 35 تۈر 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 34 تۈر 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

بىڭتۇەن پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى 11 تۈرلۈك تەبىئىي پەنلەر مۇكاپاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر تۈر 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 8 تۈر 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 2 تۈر 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتى 4 تۈر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2 تۈر 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، بىر تۈر 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، بىر تۈر 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى 32 تۈر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 7 تۈر 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 15 تۈر 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 10 تۈر 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۈرلەر ۋە نەتىجىلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىنى باھالاشتا ئاساسلىقى ئۈچ ئالاھىدىلىك نامايان بولدى: كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى تەدرىجىي كۈچەيدى؛ ئۇل تەتقىقات ساھەسىدە ئارتۇقچىلىق تەدرىجىي جارى قىلدۇرۇلدى، سىجىل يېڭىلىق يارىتىلدى؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى.

بۇ يىلقى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۈرلەر ئىچىدە، كارخانىلار باشلامچى بولغان ياكى قاتناشقان تۈر 59غا يېتىپ، ئومۇمىي ساننىڭ %50ىنى ئىگىلەپ، كارخانىلارنىڭ ئىجادىي تەرەققىيات قۇۋۋىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. مەسىلەن، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شۆبە شىركىتىنىڭ سەككىز تۈرلۈك پەن - تېخنىكا نەتىجىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا شەرەپ بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بويىچە 1 -، 2 -، 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ھالقىما ئېشىشىنى، كۆمۈر قاتلىمى گازى قاتارلىق ئادەتتىن تاشقىرى نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش - ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تېزلىتىشنى پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

118 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نەتىجە ئىچىدە، تەبىئىي پەنلەر مۇكاپاتى 12 تۈر بولۇپ، %10نى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %50 ئاشتى. بۇ، شىنجاڭنىڭ ئۇل تەتقىقات سېلىنمىسىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئىجادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۈرلەردىن قارىغاندا، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ زور ئېھتىياجىغا يۈزلەنگەن بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. مەسىلەن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنى قاتنىشىپ تاماملىغان كېۋەزنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىگە ماسلىشىشتىكى بىيولوگىيە مېخانىزمى ھەم سورت يېتىشتۈرۈش ئەمەلىي تۈرى شەرەپ بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ تەبىئىي پەنلەر مۇكاپاتى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ تۈردە كېۋەزنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق سورتىنى يېتىشتۈرۈش تېخنىكا سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، يېتىشتۈرۈلگەن يېڭى سورت ياخشى بولغان جەمئىيەت، ئىقتىساد ئۈنۈمىگە ئىگە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.