تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 41 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - يىغىنىنى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە ئېچىش قارار قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 41 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - يىغىنىنى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16 - يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، دائىمىي كومىتېتنىڭ 16 - يىغىنىدا ئاپتونوم رايوننىڭ زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ تەرەپتىن تۈگىتىش نىزامى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخىپ قانۇنى»نى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قانۇنى»نى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئۆگەرتىلگەن لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى نىزامى لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ سانلىق مەلۇمات نىزامى لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېتىز - ئېرىق سۇ ئىنشائاتى نىزامى لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مۈلكىنى باشقۇرۇش نىزامى قاتارلىق توققۇز يەرلىك نىزامنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سۇنغان ئاپتونوم رايوننىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى»نى يولغا قويۇش چارىسى قاتارلىق يەتتە يەرلىك نىزامنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۆكدالا شەھىرىدىكى ئۈچ بازارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ۋاقتىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ھەققىدىكى تەكلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى سۇنغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي جازا قانۇنى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارارنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپ قاراپ چىقىلىدۇ؛ تەستىقلاشقا سۇنۇلغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە نىزامى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش نىزامى، قومۇل شەھىرىنىڭ چۆل ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداش نىزامى، قومۇل دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنى قوغداش نىزامى، تۇرپان شەھىرىنىڭ توي - تۆكۈن ۋە ئۆلۈم ئىشلىرىدىكى كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش بەلگىلىمىسى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ مۇھىت بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بەلگىلىمىسى توغرىسىدىكى تەكلىپ تەكشۈرۈلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم - چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرىي سوت خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ ھەم مەمۇرىي سوت ۋە مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى، كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش توغرىسىدىكى كۆزدىن كەچۈرۈش دوكلاتى، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت - سەھىيە كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدا ۋەكىللەر بەرگەن تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلەرنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ كادىرلارنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش ئىشلىرى قاراپ چىقىلىدۇ.

يىغىندا يەنە باشقا قارالمىلار قاراپ چىقىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، پىڭ شىنلەي، مەمتىمىن قادىر يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.