ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت بىلەن سوت مەھكىمىسى، ھۆكۈمەت بىلەن تەپتىش مەھكىمىسى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت بىلەن سوت مەھكىمىسى، ھۆكۈمەت بىلەن تەپتىش مەھكىمىسى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرلىشىش» جەھەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، «ھەرىكەتلىنىش» جەھەتتە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت بىلەن سوت مەھكىمىسى، ھۆكۈمەت بىلەن تەپتىش مەھكىمىسى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى قانات يايدۇرۇش مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەمۇرىيەت بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش، كۈچىنى يۇغۇرۇش، شەكلىنى بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن سوت مەھكىمىسى، ھۆكۈمەت بىلەن تەپتىش مەھكىمىسى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەمۇرىيەت بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ماس بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشى ئارقىلىق، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش، مەنبەدىن ئىدارە قىلىش، مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇش، جەمئىيەتنى ئورتاق ئىدارە قىلىش، خەۋپ - خەتەرنى بىرلىشىپ تىزگىنلەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ قانۇنچىللىق ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى قوغداش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈشكە دائىر تەكلىپ، تەپتىش تەكلىپىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، مەمۇرىي ئورگان مەسئۇللىرى سوتقا چىقىپ ئەرزگە جاۋاب بېرىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشتا تۈزىتىلگەن دېلولارنى، مەمۇرىي دەۋادا يېڭىلگەن دېلولارنى قەرەللىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك؛ مەمۇرىي تالاش - تارتىشلارنى ماھىيەتلىك ھەل قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش، ئالدى ئۇچتا تۈزەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «يېڭى ئەمەلدار كونا ھېساباتقا ئىگە بولماسلىق»نى قەتئىي توسۇش كېرەك؛ مەمۇرىي جازا ئۆلچەش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان سېلىق سېلىش مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەپ، كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلەرنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش بويىچە ئامان ساقلاش تەدبىرلىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش جەھەتتە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىق تارماقلارنىڭ سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشنى شەكىللەندۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە، ئۆي - زېمىن بازىرى خەۋپ - خەتىرىنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىنىڭ كىنىشكا بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىش ۋە سالاھىيىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ ئەرزىيەت قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى تۈگىتىپ، ئاممىۋى داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىشىشنى چىڭ تۇتۇپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك؛ سوت، تەپتىش سىستېمىسى بىلەن بىرلىشىپ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى ئولتۇراق رايونلارغا كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، كارخانىلارغا كىرگۈزۈشنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھۆكۈمەت بىلەن سوت مەھكىمىسى، ھۆكۈمەت بىلەن تەپتىش مەھكىمىسى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ۋە كۈندىلىك ئالاقىلىشىش خىزمىتى مېخانىزمى ئورنىتىپ، كونكرېت مەسىلىلەرنى ئورتاق تەتقىق قىلىپ كېڭىشىپ بېكىتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن سوت مەھكىمىسى، ھۆكۈمەت بىلەن تەپتىش مەھكىمىسى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنىڭ ماھىيەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئاپتونوم رايون بويىچە ھۆكۈمەت بىلەن سوت مەھكىمىسى، ھۆكۈمەت بىلەن تەپتىش مەھكىمىسى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش خىزمەت ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قومۇل شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
پەن شى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ يىغىنغا قاتناشتى.