تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

بۇ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنى مەدھىيەلەيدىغان كاتتا يىغىن، بۇ، پەن - تېخنىكا كۈچىنى مۇجەسسەملەيدىغان كاتتا يىغىن. شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىدا 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر داغدۇغىلىق تەقدىرلىنىپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان قويۇق كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يېڭىلىق يارىتىش بولمىسا ئىلگىرىلەش بولمايدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، پەن - تېخنىكا زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىشى كېرەك، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇقەررەر يول. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار خىزمىتى تۇنجى قېتىم مەخسۇس باب قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا «مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك باشلامچىلىق ئورنىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك تۈرلەرنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىدىن خۇش خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي تارقالدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ نۇقتىلىق كۆرسەتكۈچلىرى تېز ئۆرلىدى، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كەسىپ تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇشتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى چوڭقۇر بولدى، پۇختا بولدى، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا زور بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بىزنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تىرىكى، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىكى يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى توپلاش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك يول. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىز «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، ئىشەنچ، ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قوللايدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى يولىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى، سىستېما قارىشىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، رايونلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك؛ پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكا بويىچە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى توپلاش كېرەك؛ مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، كۆلىمى زور، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ساپاسى ياخشى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تېزدىن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش كۈچلۈك كاپالەت تىرىكى سىستېمىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. پارتىيەنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، «يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان تەدبىر بەلگىلەش قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاش، سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار كەسپىي ئىقتىدارى ۋە ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنىڭ تېز توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مالىيە پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ئاچقۇچ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغۋار غايە، جەسۇرانە ئىرادە تىكلەپ، قەتئىي ئىرادىلىك بولۇپ جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.