شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى ئېچىلدى
پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك
ما شىڭرۇي سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى
زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى
11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىكلەر مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خادىملارنى مۇكاپاتلاش توغرىسىدىكى قارارى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ بىڭتۇەننىڭ 2023 - يىللىق پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى توغرىسىدىكى قارارى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىنىڭ ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ نېفىتلىك شۆبە شىركىتىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى تاڭ يۇڭ ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى پەن شىليېغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى، ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئارقىدىن، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.
يىغىندا جۇڭگو − تاجىكىستان جانلىقلار بايلىقىنى قوغداش - يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىش بويىچە «بىر بەلباغ، بىر يول» بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى، تىيانشان تەجرىبىخانىسىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
ما شىڭرۇي سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىدىكى يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ، دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردە پەن - تېخنىكا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك باشلامچىلىق ئورنىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
ما شىڭرۇي شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئومۇميۈزلۈك مەدەت بېرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى ۋە بايلىقى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنى بەرپا قىلىپ، «ئىككى رايون»نى يادرو قىلغان يۈكلىمە رايونى، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش تورىنى داۋاملاشما قىلغان تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق ۋە يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىشى، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىچە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا باھالاش سىستېمىسى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل پەن - تېخنىكا سېلىنما سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكا بويىچە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىپ، تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى مېخانىزمىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ كەڭ ساھە، چوڭقۇر قاتلامغا كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت پىلانىغا پائال قاتنىشىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەن - تېخنىكا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرى تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تۈرىدىكى، ئەمەلىي تىپتىكى داشۆ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس ئىختىساسلىقلار، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر بەلگىلەش قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار كەسپىي ئىقتىدارى ۋە ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنىڭ تېز توپلىنىشى، مالىيە پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق توسالغۇلارنى تۈگىتىشنى تېزلىتىشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شەندۇڭ داشۆ، غەربىي شىمال سانائەت داشۆسى، جۇڭنەن داشۆ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى جۇڭنەن داشۆ، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى پەن تەتقىقات باش ئاكادېمىيەسى، خوتەن ۋىلايىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ قىسمەن ئاكادېمىكلىرى ۋە پەن - تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى پەن - تېخنىكا كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ مۇتەخەسسىس مەسلىھەتچىلەر ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگانلىرى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەرلىرى، تۇەن - مەيدانلىرىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.